باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

226يوللانما
6مەستانە

بۇ كۆكتاتلار ئىنتايىن زەھەرلىك، كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇنى بىلمەيدۇ

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 20:31 4 ئىنكاس چۈشتى

«بېيجىڭ ۋاقتى» تور بېكىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

  1. كۆك پەمىدۇر (青西红柿)

كۆك پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدە ئىتئۈزۈمى ماددىسى دەپ ئاتىلىدىغان زەھەرلىك ماددا بولۇپ، بۇنىڭغا ئوخشاش تېخى پىشمىغان كۆپ پەمىدۇرنى يېگەندە، ئېغىزى قىرتاق بولۇپ قالىدۇ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق زەھەرلىنىش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، خام يېگەندە خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

2. سېسىپ بۇزۇلغان يېسسىۋېلەك (烂白菜)

سېسىپ بۇزۇلغان يېسىۋېلەكنى يېگەندە ئادەمدە ئوكسىگېن كەمچىل بولۇپ باش ئاغرىش، باش قىيىش، كۆڭلى ئىلىشىش، قورسىقى كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا پېيى تارتىشىپ قېلىش، ھوشىدىن كېتىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.

3. يىلتىزسىز پۇرچاق ئۈندۈرمىسى (无根豆芽)

ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسىنى كۆپ ئىشلەتكەن پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ يىلتىزى بولمايدۇ. ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسىدا راك پەيدا قىلغۇچى، بەدەن شەكلىنى غەيرى قىلىپ قويىدىغان ۋە تۇيۇقسىز بەدەن شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان زىيانلىق ماددىلار بولىدۇ.

4. ھۆل چېچەكسەي (鲜黄花菜)

ھۆل چېچەكسەي زەھەرلىك، لېكىن قۇرۇتۇلغىنى زەھەرسىز. چۈنكى ھۆل چېچەكسەي تەركىبىدە كولچىتسىن دەپ ئاتىلىدىغان زەھەرلىك ماددا بولۇپ، بۇ خىل زەھەر گال قۇرۇش، ئاشقازان كۆيۈشۈش، كىچىك تەرىتىدىن قان كېلىش قاتارلىق زەھەرلىنىش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاۋۋال ھۆل چېچەكسەينى قايناق سۇغا بىر قاينىتىپ، ئاندىن سوغۇق سۇغا 2 سائەتتىن ئارتۇق چىلاپ قويۇپ، ئارىلىقتا بىر قېتىم سۇ ئالماشتۇرسا، ھۆل چېچەكسەينىڭ زەھىرى يوقايدۇ.

5. بىخلانغان بەرەڭگە (发芽的土豆)

بىخلانغان بەرەڭگىنىڭ يۇمران بىخلىرى ۋە يېشىل رەڭگە كىرگەن پوستىدىكى ئىتئۈزۈمى ئىشقارىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا زەھەرلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا بىخلانغان ۋە پوستى كۆكىرىپ كەتكەن بەرەڭگىلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ.

6. سېسىپ قالغان زەنجىۋىل (腐烂的生姜)

سېسىغان زەنجىۋىل زەھىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر خىل سېرىق كامفورا ماددىسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەم بۇ خىل زەھەرنى يېسە، مىقدارى ھەر قانچە ئاز بولسىمۇ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەھەرلىنىشى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. ئېتى قوڭۇر رەڭلىك شېكەر قومۇشى (棕色心的甘蔗)

سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن شېكەر قومۇشىنىڭ ئىچى قارا، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭگىگە كىرىدۇ، يېگەندە ئىسپىرت تېتىيدۇ. شېكەر قومۇشى مونچاق شەكىللىك ئورغاقسىمان زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىپ زەھەر پەيدا قىلغاچقا، مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرىلىدۇ.

8. پاختىلىشىپ كەتكەن چاي (长霉的茶叶)

چاي كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىدىن بۇلغىنىش نەتىجىسىدە كۆكۈرۈپ پاختىلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق پاختىلىشىپ كەتكەن چايدا دەملەنگەن چاينى ئىچكەندە يېنىك بولغاندا باش قېيىش، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا مۇھىم ئەزالارنى كاردىن چىقىرىدۇ.

9. قارا داغ چۈشكەن تاتلىق بەرەڭگە (长斑的红薯)

تاتلىق بەرەڭگىگە قارا داغ چۈشۈشنى قارا داغ باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق تاتلىق بەرەڭگىنى يېگەندە ئاسانلا زەھەرلىنىپ قالىدۇ.

10. سارغىيىپ كەتكەن ئاق قېرىنقۇلاق

ئاق قېرىنقۇلاقنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ سارغىيىپ كېتىشىنى فىلاۋو باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئاق قېرىنقۇلاقنى يېگەندە باش قېيىش، قورساق ئاغرىش ۋە ئىچ سۈرۈش قاتارلىق زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

11. تولۇق پىشمىغان تۇزلانغان كۆكتات (未腌透的咸菜)

شىماللىقلارنىڭ كۈز ۋە قىش پەسلىدە تۇزلانغان كۆكتات چىلايدىغان ئادىتى بار. نۇرغۇن كىشىلەر كۆكتات پىشىپ رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشنى كۈتمەيلا، يېڭى تۇزلانغان كۆكتاتنىڭ تەمى ياخشى بولىدۇ دەپ، تولۇق پىشمىغان تۇزلانغان كۆكتاتنى ئىستېمال قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە تۇزلانغان كۆكتاتنى چېلىغاندا ئەگەر تۇز مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا، تۇزلاپ پىشۇرۇش ۋاقتى 8 كۈنگە توشمىسا، نىترىتتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

12. تولۇق پىشمىغان يېسسى پۇرچاق (未煮熟的四季豆)

ئەگەر يېسسى پۇرچاق تولۇق پىشمىغان بولسا، پۇرچاق تەركىبىدىكى سوپۇن ماددىسى ھەزىم قىلىش يولىنى كۈچلۈك غىدىقلايدۇ، ھەمدە پۇرچاق تەركىبىدە قان ئۇيۇتۇش ماددىسى بولۇپ، قان ئۇيۇتۇش رولىغا ئىگە. ئۇندىن باشقا يېسسى پۇرچاق تەركىبىدە نىترىت كىسلاتا تۇزلىرى ۋە تىرىپسىن بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازان ۋە ئۈچەينى غىدىقلاپ، يېمەكلىكتىن زەھەرلەپ، ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. يېسسى پۇرچاقتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، چوقۇم يېسسى پۇرچاقنى تولۇق پىشۇرۇش كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ℳᎥྀᎦkᎥྀйKαིしᎥྀp1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاپلا مەن كۆك پەمىدۇرنى جىق يىگەن چاتاق بۇپتۇغۇ

  • ئەپچىل1 ھەپتە ئىلگىرى

    سىسىپ قالغان، كۆكۈرۈپ قالغان كۆكتاتنى كىم يەيدىكەن، شۇنىمۇ دەپ يۈرۈپتۇ

  • boztekin1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشى ساۋاتلاركەن ،رەھمەت تەھرىر،

  • ئارزۇ1 ھەپتە ئىلگىرى

    رەھمەت بىلىۋالدىم بۇنىڭدىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك كەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号