باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

ئەنگلىيە بولغۇسى كېنەز خانىمى مېگان ماركىل راستىنلا ئۆزىگە ئىشەنمەمدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 20:30 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بەدەن تىلى مۇتەخەسىسى ئەنگلىيە شاھزادسىى خاررىنىڭ قىز دوستى مېگان ماركىلنى ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ، دەپ قارىغان. چۈنكى ئۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا دائىم دېگۈدەك «چېچىنى قايرىدىغان» بولۇپ، بۇ روھىي دۇنياسىنىڭ جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا جىددىيچىلىك كەيپىياتىنى يوشۇرۇشنى چۈشەندۈرىدىكەن.

بەدەن تىلى مۇتەخەسىسىسى ئېلزابېس كۇخنىك بازارلىق يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، مېگاننىڭ «چېچىنى قايرىغان»دىكى ھەرىكىتى سۆسىز ھەرىكەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ تىنچلىنىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. ئېلزابېس: «بۇ روھىيەتنى تىنچلاندۇرۇشنىڭ ئىستخىيلىك ھەرىكىتى، كىشىلەر جىددىيلەشكەندە، بىئارام بولغاندا، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ياكى قانداق قىلىشىنى بىلەلمىگەندە ھەمىشە مۇشۇنداق قىلىدۇ»، دېدى.

ئېلزابېس يەنىمۇ بىر قەدەم ئىچكىرىلىگەن ھالدا: «بۇ بىر كىچىك بالىنىڭ ئويۇنچۇقنى، ئانىسىنىڭ كۆينىكىنىڭ بىر تەرىپىنى ياكى دادىسىنىڭ قولىنى تۇتىۋېلىشنى ياقتۇرىدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ، مېگاننىڭ ھەرىكىتى بىر بالىنىڭ قۇرامىغا يەتكەن نۇسخىسى»، دېدى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئەنگلىيە خان جەمەتى شاھزادە خاررى بىلەن مېگاننىڭ 2018-يىل 19-ماي ۋىندسور قەلئەسىدىكى جورجىس چېركاۋىدا توي قىلىدىغانلىقىنى جاكارىلىغان. ئېلزابېسنىڭ دېيشىىچە، گەرچە مېگان چىراغ نۇرى يىغىلغان جايدا تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى ۋاقىتلاردا يەنىلا جىددىيلىك ھېس قىلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇنداقتا، مېگان نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ؟ چۈنكى مېگان بىلەن خاررى قاراشتىنلا بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدۇ-مېگاننىڭ دادىسى فوتوگراف رېژىسسورى، ئانىسى بولسا ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق، جەمئىيەت خىزمەتچىسى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېسىلزادە جەمەتى بىلەن ئازىراقمۇ يېقىن كەلمەيدۇ؛ مېگان بولسا بىر ئارتىس، بىراق 2-دەرىجىلىك ئارتىس؛ مېگان بۇ يىل 36 ياشقا كىردى، شاھزادە خاررى بولسا 33 ياش، ئۇلار تىپىك ئاچا-ئىنى مۇھەببىتىدۇر يەنە كېلىپ، مېگان بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقان ئايال. بىراق مۇشۇنداق بىر ئايال ياۋروپادىكى ئەڭ قىممىتى بار بويتاق شاھزادىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئاللىبۇرۇنلا بولغۇسى كېنەز خانىمغا ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق تەلەپچان تاراتقۇلار ۋە كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنى «ئەنگلىيە كېنەز خانىمى بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس»، دەپ قارىشىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ پەقەت ئۆزىلا بىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • aysajonn3 ئاي ئىلگىرى

    قارا تەنلىككە ئوخشايدىكەنغۇ بۇ كىلىن

  • miras1193 ئاي ئىلگىرى

    خاررىي شاھزادە بەك ياخشى بىلىنىدۇ ماڭا،بۇ چوكانمۇ قارىماققا ئەسكى ئەمەس.بەخىتلىك بولسۇن.....

  • خۇرسىنىش3 ئاي ئىلگىرى

    يىرىم ئافرىقا قان سىسستمىسىدىكى بۇ ئايالنىڭ بىرىتانىيە شاھزادىسى بىلەن بەخىتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号