باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

SpaceX سىرلىق ئالەم ئۇچقۇسىنى يىتتۈرۈپ قويدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:36 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇر خادىمىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «زۇما» ناملىق سىرلىق ئالەم ئۇچقۇسى قويۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا يوقاپ كەتكەن، بۇ ئالەم ئۇچقۇسى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) ئۈچۈن ياسالغان سىناق تۈردىكى ئالەم ئۇچقۇسى بولۇشى مۇمكىن. 

SpaceX پەقەت «زۇما»نى قويۇپ بەرگەنلىك ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، باشقا ئۇچۇرلىرىنى سىرتقا پەقەتلا ئاشكارىلىمىدى. سىرتقى ساھەدىكىلەر بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ ئەمەلىي ئوربېتاسىنىڭ ئورنى، ئەمەلىي رولى، قويۇپ بېرىشتىكى مەقسەت قاتارلىقلاردىن پەقەتلا خەۋەرسىز. «زۇما»نى ياسىغۇچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئالەم كېمىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ياسالغانىكەن، بۇ ئورۇنمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىدى. 

تاراتقۇلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى قويۇپ بېرىشتە «زۇما» SpaceXنىڭ «قارچىغا 9» ناملىق توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ ئىككىنچى ئۈگىسىدىن ئايرىلمىغان ھەمدە يوقاپ كەتكەن. «زۇما» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىك تەلىپى بويىچە ياسالغان بولۇپ، ئىشلىتىلىش ئورنى مەخپىي تۇتۇلغان. تاراتقۇلارنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ قىممىتى نەچچە مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تەجرىبە خاراكتېرلىك ئالەم ئۇچقۇسى ئالەم ئايروپىلانى ياكى باشقا ئۇچقۇ بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. 

شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىش شىركىتى (SpaceX) «زۇما» ناملىق ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بەرگەن، بۇ ئالەم كېمىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپ، «سالاھىيىتى» ئېنىق ئەمەس، ئۇنىڭ قانداق ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ قايسى تارمىقىغا تەۋە ئىكەنلىكى ھازىرغا قەدەر سىر پېتى تۇرماقتا. 

بۇ پىلاننى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈزمەستىن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى تۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئالەم بوشلۇقى تۈرىنى ئىجرا قىلغان ۋاقىتا ئۈزلۈكسىز تۈردە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلاشقان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号