باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

ھىندىستان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئېرىقتىكى بۇلغانغان سۇنى ئىچتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 21:25 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۈرەتتىكى ھىندىستانلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كىچىك ئېرىق بويىدا ئولتۇرۇپ قولىنى يۇيۇۋاتقان ياكى ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدىڭىزمۇ؟ بۇنداق ئويلىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. چۈنكى ئۇلار ئېرىقتىكى سۇنى ئىچىۋاتىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پىرادېش ئىشتاتى بۇندېلكاند رايونىدىن تارتىۋېلىنغان بولۇپ، ھىندىستان تاراتقۇلىرى شۇ جايدىن خەۋەر بېرىۋاتقاندا ئۇچرىتىپ قالغان. ئادەمنى چۆچۈتىدىغان يېرى، بۇ ئازگالدىكى سۇلاردا يېقىن ئەتراپتا ئولتۇرىدىغان بىرەيلەن زىرائەت سۇغىرىدۇ، ئۆي ھايۋاناتلىرىغا بېرىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان پاكىزە سۇ بولمىغانلىقتىن مۇشۇ بۇلغانغان سۇنى ئىچىشكە مەجبۇر بولغان.

بۇ بالىلار ئازگالدىكى كېرەكسىز سۇنى ئىچكەندىن باشقا، يەنە دەرسخانا سىرتىدىكى مەيداندا ئولتۇرۇپ دەرس ئوقۇيدۇ. چۈنكى دەرسخانىلارنى قايتا سېلىش پىلانى بەش يىل ئىلگىرى تەستىقلانغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر پۈتمىدى. بۇ مەكتەپتە تەخمىنەن 50 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، يامغۇر ياغقاندا ئامالسىز كالىلار ئۈچۈن ياسالغان سايىۋەن ئاستىدا دەرس ئوقۇيدۇ. ھىندىستان تاراتقۇلىرى مەكتەپ ياتىقىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق رەھبىرى مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان پۇلنى يۇتۇۋالغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە مەبلەغ يوق تۇرۇپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ بالىلار چۈشلۈك تاماققا نېپىز نان بىلەن ئازراق تۇز يەيدۇ. كەنت ئېرىقىدىكى سۇدا كىشىلەر زىرائەتلىرىنى سۇغىرىدۇ، ھايۋاناتلىرىغا بېرىدۇ، بەزىلەر تېخى كىر، ئاياغ ۋە قاچا-قۇچىلىرىنى يۇيىدۇ. شۇ جايدىكى مائارىپ تارماقلىرى مەكتەپلەردە «%100 ئىچىملىك سۇ تۇرۇبىسى بارلىقىنى» بىلدۈردى. بىراق، بالىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئازگالدىكى سۇنى ئىچىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى.

ھىندىستان مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ جايدىكى مەكتەپنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنغان ئەرزنامىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى، مەسىلىنى پات ئارىدا ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىندىستان دۇنيا بويىچە پاكىزە سۇ ئەڭ كەمچىل دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شۇڭا نەچچە 100 مىليون ئادەم ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەل، ئىچى سۈرۈكى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 特别爱6 كۈن ئىلگىرى

    قۇدۇق كولاپ سۇ ئىچسە بولمامدۇ؟

  • رۇزى1 ھەپتە ئىلگىرى

    تېخى مەكتەپ سالدىغان پۇلنىمۇ يۇتۇۋاپتۇ بۇ ئەسلى شۇ نامرات بالىلارنىڭ ھەققى ئدىغۇ .

  • ئاتەش زىمىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي بۇ بىچارىلەر ،بىر كۈنى چاچقان يەۋاتقان ،ئەمدى بۇلغانغان سۇ ئىچكىلى تۇرۇپتۇ ،خىلى داڭلىق چولپانلارمۇ بار بولمىسا بۇ ھىندىستاندا ،ياردەم قىلىپ قويۇڭلار بۇ بىچارىلەرگە،بىز ياردەم قىلىلى دىسەك يىراقكەن ھىندىستان …

  • ئويناپ شۇ1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنداق نامرات دۆلەتتە ھەر قانداق ئىش بۇلىدۇ

  • ياشىلىق1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇ شۇنچە كەمچىلمىدۇ قەدىرلەيلى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号