تېخنىكا تورى 13-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق ئىستېمال ئېلىكترون كۆرگەزمىسىدىكى (Consumer Electronics Show) بىر قانچە داڭلىق مەھسۇلاتلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا تېخى يېقىندا ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنغان خۇاۋېي Mate 10 Pro يانفونىمۇ بار. بۇ يانفونمۇ شۇ يىغىندىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئەڭ تارتقان مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى.
خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق نۇتۇقى ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا، خۇاۋېي ئىستېمالچىلار كەسپى تارمىقىنىڭ CEOسى يۈ چېڭدوڭ «خەۋەرلىشىش كارخانىلىرى ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا چەت ئەل تاراتقۇسى Androidauthority يۈ چېڭدوڭنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا، ئۇ AI بىلەن فوتو ئاپپارات تېخنىكىسى كەلگۈسىدىكى ئەقلىيفون رىقابىتى ۋە ئەقلىيفون لايىھەلەش شىركەتلىرىنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
كونكرېت قىلىپ ئېيىتقاندا، خۇاۋېي شىركىتى يەككە لىنزىلىق فوتو ئاپپاراتنىڭ فوكۇس توغرىلاش ئارلىقى بىلەن فوكۇس ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىنىڭ لايىھەسىگە كىرگۈزىدۇ. دېمەك خۇاۋېينىڭ كېيىنكى ئەۋلاد بايراقدار مەھسۇلاتى بەلكىم بىزگە سىفىرلىق فوتو ئاپپارات دەرىجىسىدىكى سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇرىشى مۇمكىن.