باش بەت

نۇسرەتگۈل

10601يوللانما
190مەستانە

نومۇر تاختىسىنى قار چاپلاپ توسۇۋەتكەن شوپۇرنىڭ پىراۋىسىدىن 12 نومۇر تارتىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 21:26 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى جىنىڭدا قار يېغىپ، يوللار تېيىلغاق بولۇپ كەتتى، شوپۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئاۋايلاپ مېڭىپ ۋەقە چىقىرىپ قويماسلىققا تىرىشتى. بىراق، بەزى شوپۇرلار قار ياغقان پۇرسەتتە كۆز بويىماقچى بولدى. جىنىڭلىق بىر شوپۇر نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇۋالدى. ئەسلىدە بۇ ئىش ئۇنچە ھەيران قالارلىق ئەمەس ئىدى. بىراق، شوپۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشى قاتناش ساقچىسىنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا جىنىڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئالاھىدە ھەرىكەت ئوتتۇرا ئەترىتى ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا يىراقتا تۇرغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىغا قېلىن قار چاپلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقاپ قەستەن توسۇۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمانلاندى ھەم ئاپتوموبىلنى يول بويىغا ئېلىپ چىقىپ شوپۇردىن ئەھۋال ئىگىلىدى.

شوپۇر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى ئۆزلىرىنىڭ نومۇر تاختىسىنى توسۇۋالمىغانلىقى، قار ياغقانلىقى ئۈچۈن «تەبىئىي ئامىللار سەۋەبلىك» توسۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىدىن باشقا يەرلىرى پارقىراپ تۇراتتى. ئاخىرىدا شوپۇرغا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ پىراۋىسىدىن 12 نومۇر تارتىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号