باش بەت

نۇسرەتگۈل

10601يوللانما
190مەستانە

قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان موتسىكلىت شوپۇرى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئالدىدىن قاچماقچى بولدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 21:34 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىككى كۈن ئىلگىرى ليۇجۇلۇق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۈندىدار توپلىرى، دوستلار چەمبىرىكىدە بىر قاتناش ساقچىسى ئاپتوموبىلىنىڭ بىر ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتىنى قوغلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن سىن كەڭ تارقالدى. ئادەتتە رولىنى بۇراشمۇ قىيىن موتسىكلىت قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالاي دېگەندە قانات چىقىرىۋالغاندەك قېچىپ كەتكىنى نېمىسى؟

سىندا كۆرسىتىلىشىچە، قاتناش ساقچىلىرى زىيادە ئۇزۇن تۇرۇبا بېسىپ ماڭغان ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتىنى قوغلاپ ماڭغان. ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت شوپۇرى قاتناش ساقچىسىنىڭ يېتىشىۋالاي دېگەنلىكىنى كۆرۈپ جىددىي تورمۇز قىلىپ دەرھال ئارقىغا يېنىپ يەنە قاچقان. بۇ ۋاقىتتا قاتناش ساقچىلىرىمۇ بوش كەلمەي داۋاملىق قوغلاپ موتسىكلىتنى ئاخىرى توختىتىۋالغان.

بۇ ئىش 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت شوپۇرى قاتناش ساقچىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي جېنىنىڭ بارىچە قاچقان.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت شوپۇرى ۋېي xxنىڭ موتسىكلىت ياكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كېنىشكىسى يوقلۇقى ئېنىقلاندى. ئاخىرىدا ساقچىلار موتسىكلىتنى قانۇن بويىچە ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرۇشقا ئېلىپ كەتتى، ۋېي xx قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ جازالىشىغا تاپشۇرۇلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号