باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

2017-يىللىق يانفونلارنىڭ راۋانلىق دەرىجىسى رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 21:23 24 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن يانفوننى راۋان ئىشلەتكىلى بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسى ئۇلار يانفون ئىشلىتىش جەريانىدا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. يانفوننىڭ راۋانلىق دەرىجىسى ئاساسلىقى ئىككى ئامىلغا باغلىق. بىرى قاتتىق دېتال سەپلىمىسى، يەنە بىرى زاۋۇتنىڭ سىستېمىنى ئەلالاشتۇرۇشى. يېقىندا لۇداشى تەكشۈرۈش سۇپىسى 2017-يىلىدىكى ئەڭ راۋان يانفونلار رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى.

بۇ تىزىملىكتە OnePlus 5T يانفونى بىرىنچى بولدى. بۇ OnePlusنىڭ يىللىق بايراقدار يانفونى بولۇپ، بۇ يانفونغا پۈتۈن ئېكران، سناپدراگون 835 بىر تەرەپ قىلغۇچ، 6/8Gلىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن، hOS سىستېمىسى قاچىلانغان، نومۇر قويۇش سىنىقىدا 147.86 نومۇرغا ئېرىشتى. سەپلىمىسى ئوخشاش بولغان رىقابەتچىلىرىگە نىسبەتەن بۇ يانفون ئاساسلىقى hOS سىستېمىسىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ نومۇرغا ئېرىشكەن. بۇ يانفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى ئەسلى سىستېما ئاساسىدا زور دەرىجىدە ئىخچاملانغان بولۇپ، ئىقتىدارغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە راۋانلىقى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى نۇبىيا Z17 ۋە OnePlus 5 يانفونى، بۇ ئىككى يانفون دۆلەت ئىچىدىكى يانفونلارنى پىششىق بىلىدىغان تورداشلارغا ناتونۇش ئەمەس.  

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، تورداشلار ئىزچىل تۈردە باھاسى يۇقىرى سەپلىمىسى تۆۋەن دەپ مەسخىرە قىلىدىغان OPPO يانفونىمۇ مەزكۇر تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى. مېنىڭچە OPPO شىركىتى R11دىن باشلاپ باھاسى يۇقىرى سەپلىمىسى تۆۋەن بولۇش ئەھۋالىغا خاتىمە بەردى، سناپدراگون 660 كۋالكومنىڭ ئىككىلەمچى بايراقدار ئۆزىكى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە OPPOنىڭ سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭدىن بۇ يانفوننىڭ سناپدراگون 835دىن قېلىشمايدىغان راۋانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 

ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ قېتىم شياۋمى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى، شياۋمى MIX2 بىلەن شياۋمى 6 پەقەت سەككىزىنچى ۋە توققۇزىنچى ئورۇنغا تىزىلدى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، مېيزۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە ئاتالمىش ئۇدا 18 ئاي ئىشلەتسىمۇ قاتمايدىغان خۇاۋېي يانفونلىرى بۇ تىزىملىككە كىرەلمىدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • كۆز قاپ6 كۈن ئىلگىرى

    oneplus 5t نى تەپسىلىي چۈشەنمەكچى بولساڭلار ئالىپ تورىنىڭ يانفۇن باھالاش سەھىپىسىگە قارىساڭلار مېنىڭ بۇ يانفۇننى ئىشلەتكەندىكى تەسىرات توغۇرلۇق يازغان تېمام بار . شۇنى ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ .

  • كۆز قاپ6 كۈن ئىلگىرى

    ئىككىلىنىۋاتقان دوستلار oneplus 5t نى قوقماي ئېلىڭلار . مانا مەن 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بازارغا سېلىنغاندا تالىشىپ سېتىۋالغان . ھەممە يېرى مۇزدەك ، چىراي تونۇش ئىقتىدارى oppo R11s دىن ياخشى . باتارىيەسىمۇ ئۇزۇن يېتىدىكەن . ئىشقىلىپ نۇقسان تاپالمىدىم . بۇ ماركىنى يېڭى ماركا دەپ قالماڭلار . بۇ ماركىنىڭ ئاساسلىق سېتىش بازىرى چەت ئەل ،دۆلىتىمىزدە قوشۇمچە سېتىلىدۇ . شۇڭا دۆلىتىمىزدە بازارلىرىدا مال قىس . يەنە ئىككىلىنىپ تۇرساڭلار مال پەقەتلا تۈگەيدۇ

  • ئاشپەزجان6 كۈن ئىلگىرى

    دوسلا مۇشۇ يجا تلفۇن شۇنچە ياخشمدۇ رەسمگە تارتش ھەر جەھەتتن

  • ئاشپەزجان6 كۈن ئىلگىرى

    دوسلا مۇشۇ يجا تلفۇن شۇنچە ياخشمدۇ رەسمگە تارتش ھەر جەھەتتن

  • @چېمپىيۇن@6 كۈن ئىلگىرى

    زىداننى5 @توارداش unepios5t ئېلىڭ مەن ئىشلىتىپ باقمىغان لىكىن بۇ تىلفۇن ھەر قېتىملىق يانفۇن باھالاشتا مەيلى سېستىما راۋانلىقى بولسۇن مەيلى سۈرەتكە تارتىش بولسۇن توكىنىڭ يىتىش ئەھۋالى بولسۇن ياخشى نەتىجىگە ئىرىشۋاتىدۇ ئىشقىلىپ مەنمۇ بىر ئىشلىتىپ بېقىشنى ئويلىشۋاتىمەن شىياۋمى mix2 مۇ بولدىغان يانفۇن لىكىن ئالدى كامىراسىغا كۆنەلەسىزمۇ

  • ⌚️ åβℜ้óั丫 ⌚️6 كۈن ئىلگىرى

    جاھاندا بىر بۇرادەر ئىككىلەنمەيلا ئېلىۋېرىڭ بۇ تىلىفۇننىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى 一加5T مەن بۇ يانفونغا قىزىقىۋاتقىلى خېلى بولدى بۇ يانفوننى سېتىشنى باشلىغىلى بىر ئاي بولدى چىڭداۋ تورىنىڭ ئۆزىدىلا بۈگۈنگە قەدەر سېتىلغان يانفون 130653 دانە خېرىدارلارنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىمۇ %100 بۇ يانفوننى سېتىۋالىدىغانلار بەك كۆپ بولغاچقا مال مەنبەسى بەك قىس سېتىۋالغىلى بولمايۋاتىدۇ

  • Az KalDi6 كۈن ئىلگىرى

    قايسى كۈنى oppoR11s ئىشلىتىپ باققانتىم ، تىلىفون ناھايىتى يەڭگىل (ئىغىرلىقى)، خۇددى ھەممە يىرى خاشۇدەكلام ، مىتال قاپ دىگەندىن ئەسەرمۇ يوق ، ئىچكى سىغىمى 4+64 ۋاي دىگۈدەك يىرىمۇ يوقكەن ،، 3000 كويغا قەتئىي ئەرزىمەيدىكەن،
    دۆلىتىمىز يانفونلىرىمى تاللاش توغرا كەلسە ، خواۋىي ، شىياۋمى، vivo بوپ قالىدىكەن ، oppo بەك ناچاركىن .

  • Az KalDi6 كۈن ئىلگىرى

    ھەي باللا سان سىفىر بىلەمسىلەر يا ؟ ئاۋۇ جەدۋەلگە قاراڭلار ، oppo بىلەن شىياۋمى قانچىلىك نۇمۇر پەرىقلىنىدىكەن ؟ بىر نۇمۇرمۇ پەرىقلەنمەيدىكەن ،،، ئەنسىرمەڭلار سىلەر ئىشلىتىۋاتقىچە قىتىپ قالمايدۇ ، ھەر ئىككىلىسى .

  • @چېمپىيۇن@6 كۈن ئىلگىرى

    oppo بۇ تىزىملىككە كىرىپتۇ لىكىنvivo كىرەلمەپتا ئىككىلىسسى بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى تۇرسا oppo دىن سەل گۇماللىنىپ قالدىم

  • spalding1 ھەپتە ئىلگىرى

    oneplos يانفونىنىڭ ئالماx تىلفونى بىلەن سىلىشتۇرۇلغان چاغدىكى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ دۆلتىمىزدە سىتىشقا باشلىغاندىلا سىتۋالغان ئىدىم ھەقىقەتەن بەك ياخشىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号