باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11589يوللانما
944مەستانە

1600 يۈەن خەجلەپ فوتوگراف تەكلىپ قىلغان بىر ئائىلە كىشىلىرى تور چولپىنىغا ئايلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 22:30 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھازىر PS قاتارلىق سۈرەت ياساش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ گۈزەل فوتو ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئادەتتىكى بىر ئىش. بىراق سىز بەلكىم ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان جاھاندىكى ئەڭ قوپال سۈرەت ياساش تېخنىكىسىنى كۆرۈشىڭىز مۇمكىن. جۈمە كۈنى، ئامېرىكىلىق تورداش پام داۋى زارىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە قورالىغا بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى ھەمبەھىرلىدى.

پامنىڭ دېيىشىچە، بۇلتۇر بىر ئائىلە كىشىلىرى ساياھەتكە چىققاندا، ئۆزىنى كەسپىي فوتوگراف دەپ ئاتىۋالغان قىزچاقنى تەكلىپ قىلىپ، ئائىلە سۈرىتىگە چۈشكەن. ئارقدىىن ئۇزاق بولمايلا، پام «فوتوگراف» ئەۋەتكەن سۈرەتلەرنى كۆرۈپ، كۆز ئالدىدىكى  قورقۇنچلۇق سۈرەتكە ئىشىنەلمەيلا قالغان.

پامنىڭ دېيىشچە، بۇ ھەرگىزمۇ بىر چاقچاق ئەمەسكەن، ئۇ فوتوگرافقا 250 دوللار (تەخمىنەن 1600 يۈەنگە باراۋەر) پۇل تۆلەپ، ئىككى تەرەپ توختام تۈزگەن.

فوتوگرافنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇمۇ چاقچاق قىلمىغان. ئۇ: «بۇ قۇياش پارلاپ چىققان كۈن، كىشىلەرنىڭ يۈزىنى سايە توسىۋاپتۇ، بۇ راستىنلا ئېچىنىشلىق، بىراق ئۇستازىم ماڭا سۈرەتتىكى رەڭنى قانداق تەڭشەشنى ئۆگىتىپ باقمىغان، مەن ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم»، دېگەن.

بۇ سۈرەتلەر كىشىنىڭ ئوغىسىنى كەلتۈرسىمۇ، بىراق پام يەنىلا فوتوگرافنى كەچۈرۋېتىشنى تاللىدى: «شۇنچە يىللاردىن بۇيان، مەن تۇنجى قېتىم كۆزۈمدىن ياش چىققۇچە كۈلۈپ بېقىپتىمەن، بۇ 250 دوللارنى خەجلىگىنىم ئەرزىيىدۇ».

تېخىمۇ ئەرزىيىدىغىنى شۇكى، پام بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يوللىغاندىن كېيىن، تورداشلار بەس-بەستە تارقىتىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنى تور چولپىنىغا ئايلاندۇردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • زەھرا6 كۈن ئىلگىرى

    راسلا قىزىقارلىق چىقىپتۇ، بۇ سۆرەتلەر مەنمۇ تازا كۈلۈپتىمەن.

  • (سەبىي)AM1997096 كۈن ئىلگىرى

    ماڭا بەرسىچۇ، بىكارغىلا ياساپ پەچەت قىلىپ بېرەتتىم. photoshop غا ئالاھىدە قىزىقىمەن، بىكار بولساملا رەسىملەرنى ياساپ باقىمەن، بەزى كەسپى فوتوگىرافلارنىڭ ياسىغان رەسىملىرى شۇنچىلىك قوپال،يۈز قىسمى شۇنچىلىك ئاپئاق ئەمما قول پۇتلىرى قارا چىقىپ قالغان، ياكى كىرىشتۈرگەن رەسىملەر بوپ قالسا، تەگلىك رەسىم بىلەن چاپلىغان رەسىمنىڭ يورۇق غۇۋالىق پەرقى پەقەت ماسلاشمىغان، ھەم كېسىپ ئالغان رەسىمنىڭ قىرغاقلىرى شۇنچە قوپال چىقىدىكەن. بىر ئىشقا قىزىقىپ ھەقىقىي ئىشتىياق باغلاپ قىلغانلار بىلەن بۇنى پەقەت كەسىپ دەپ ئويلاپ جان بېقىش ئۈچۈن قىلۋاتقانلارنىڭ ئەسەرلىرىدە زور پەرىق بار.

  • ئامىدىيۇ6 كۈن ئىلگىرى

    تازا كۈلۈپتىمەن ماۋۇ رەسىمگە قاراپ،،،،،، كىچىك بالا سىزغاندەكلا

  • flower1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھا ھا ھا نىمانداق قىززىق ......

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号