باش بەت

زۆھەل

155يوللانما
14مەستانە

بۇ يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفوننىڭ باھاسى پەقەت 1599 يۈەن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 22:41 14 ئىنكاس چۈشتى

بەيجىياخاۋ تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدىكى يانفون بازىرىغا قارايدىغان بولساق، پۈتۈن ئېكران لايىھەسى شەكسىزكى ئەڭ قارشى ئېلىنغان لايىھە بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ 9-ئايدىن بۇيان ھەر بىر-ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن ئېكرانلىق مودا ئېقىم يانفونلىرى بازارغا سېلىنىپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېكران تاختىسى باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە يانفون ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ 3000 يۈەندىن يۇقىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك يانفونلارمۇ بارا-بارا تېخىمۇ ئەرزان بولغان باھا بىلەن بازارغا قايتىدىن سىڭىپ كىردى. ئۆتكەن يىلى 360مۇ باھاسى 1399 يۈەنلىك پۈتۈن ئېكرانلىق يانفونى 360 N6 نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇمۇ ھەم نۆۋەتتىكى داڭلىق ماركىلىق كۋالكوم 630 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى ئىشلەتكەن ئەڭ ئەرزان باھالىق يانفون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سەپلىمە جەھەتتە، 360 N6 يانفونىغا 5.9 دىيۇملۇق 2160x1080 ئېنىقلىقتىكى پۈتۈن ئېكران سەپلەنگەن. كۋالكوم 630 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ئىشلىتىلگەن. يەنە 64GB eMMC5.1لىق ساقلاش ئۆزىكى قوشۇلغان، 4GB/6GB LPDDR4X ئىچكى ساقلىغۇچى سەپلەنگەن. تور جەھەتتە 360 N6 يانفونى يەتتە خىل شەكىلدىكى 22 چاستوتىدىكى بارلىق تورنى قوللايدۇ. قوش كارتىلىق قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ ئاساسىي كارتا ۋە يانداش كارتا دەپ ئايرىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆك چىش 5.0 نى قوللايدۇ، تور سۈرئىتى ئالاھىدە تېز.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يانفونغا يەنە  5030mAhلىق چوڭ سىغىملىق باتارىيە سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال پۈتۈن ئېكرانلىق يانفونلاردا كۆپ ئۇچرىمايدۇ. ئۇنىڭغا يەنە 360 OS توك تېجەش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يانفوننى تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىشتە بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ. سىناق نەتىجىسىدىن قارىغاندا، يانفوننى 12 سائەت قويۇپ قويغاندا ئاران %1 توكى خورىغان. بىر كۈن ئىشلەتكەندىمۇ باتارىيە مىقدارى %60 تىن يۇقىرى تۇرىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى شەخسىي تېلېفون ئالاقىسى، ئاخبارات ۋاستىسى، كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى قىلىپ ئىشلىتىشتە 360 N6 يانفونى روشەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە.

ئومۇملاشتۇرغاندا، 360 N6 يانفونى سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدىغان پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرسىتىش ئېكرانى، كۋالكوم 630 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ۋە LPDDR4X ئىچكى ساقلىغۇچى سىزنىڭ يانفوننى ئىنتايىن راۋان ھالەتتە ئىشلىتىشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، 5030mAhلىق چوڭ سىغىملىق باتارىيەسى ۋە QC3.0 تېز زەرەتلەش تېخنىكىسى يانفوننىڭ توكى تېز تۈگەپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بۇ يانفوننىڭ قوش 6 نۇسخىسى ئورگان تورىدا پەقەت 1599 يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون سېتىۋېلىشنى خالايدىغان ۋە يانفون سەپلىمىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىستىمالچىلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاتامان09955 كۈن ئىلگىرى

    بۇ تېلفۇننى مەن ئىشلەتكەن خېلى ئوبدان سېستىمىسىدا نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بار كەمچىللىكىمۇ بار ئەلۋەتتە دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە بوممايدۇ ئەلۋەتتە مۇشۇ نۇرداشلانىڭ ئارسىدا ئاندىريوت تېلفۇن بېتىدە ios ئانداق مانداق دەپ ماختىسا xxxxxxxxxقىۋەتكۈم كېلىدۇ

  • ➠ Alone6 كۈن ئىلگىرى

    سەبى نۇرداش يەنىلا 红米5Plus ئېلشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن

  • بەخىت ئىزدەپ6 كۈن ئىلگىرى

    سەبى نۇرداش تاۋباۋدا 1300كوي ئەتراپىدا ئالغىلى بولدىكىن يىڭسىنى ،مىنىڭچە خوڭمىدىن مۇشۇنى ئىلىڭ

  • بىمەنە6 كۈن ئىلگىرى

    بۇ مىنڭچە بولمايدۇ مەندە بىرسى با ئىقدارى oppo r11s بىلەن ئوخشاش لىكىن ئالما تۆت تىلفۇنغا يەتمىدى چۇنكى سۇرئەت جەھەتتە ئالما 4 ئىتىك بولغان بىلەن 3 ئايغا قالماي قبتىۋالدى بۇ ماڭا پەقەس يارمىدى ئالما 5s ياخشى بۇنىڭدىن

  • 133******556 كۈن ئىلگىرى

    ئەڭ ياخشىسى خوڭمى 5پىلاس ئېلىڭ

  • Az KalDi6 كۈن ئىلگىرى

    بۇ تىلىفون جىڭدۇڭ ، تىيەنماۋ تور سودا سۇپىلىرىدا بار .

  • ئىمپىراتور مەمەت ھوشۇق پىچاق6 كۈن ئىلگىرى

    شىياۋمى 5 پىلوس ئېلىشىڭلانى تەۋسىيە قىلمەن ئىچكى ساقلىغۇچ 4G چىقىدىغىنى ئالساڭلا بۇلدۇ 1299يۇئەن سەپلىمىسى پۇلىسىغا قارىغاندا بەك ئەرزان

  • Jan...6 كۈن ئىلگىرى

    دىمەك قولۇمدىكى تېلېفون بۇزۇلغىچە باھاسى يەنە چۈشىدۇ، ياكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى چىقىشى مۇمكىن.

  • Jan...6 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئالىمەن چۇقۇم

  • toyger1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىكراننىڭ چوڭلىقىغا باققاندا توك سىغىمى نورمالكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号