باش بەت

رۇشەن

2837يوللانما
146مەستانە

تەتقىقاتتا قىز-ئاياللارنىڭ ناچار مۇھىتتا ياشاش ئىقتىدارى ئەرلەردىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئېيتىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:41 0 ئىنكاس چۈشتى

Cnbeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ئادەتتە ئەرلەردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. دانىيە ۋە ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تارىخىي ماتېرىياللارنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن بايقىشىچە، ئاچارچىلىق، يۇقۇملۇق كېسەل ۋە قۇل قىلىنىش قاتارلىق ئىنتايىن ناچار ئەھۋاللار ئاستىدا، ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەن، كۆزلىمە ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن. جەنۇبىي دانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئامېرىكا دۇك ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئاپپاراتلاردىكى تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا «دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ ئەڭ يېڭى بىر سانىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇنداق «كىرىزىستا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش» جەھەتتىكى جىنس ئەۋزەللىكى ئاساسلىقى بوۋاق مەزگىلىدە ئۆلۈش نىسبىتى پەرقىدە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا تۇغما ئامىل مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەتقىقاتچىلار 18-ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە ئارىلىقتا ياشىغان 7 كىشىلەر توپىنى ئانالىز قىلدى، بۇلار ئىچىدە بەزىلىرى جاھانغا پۇر كەتكەن ئىرېلاندىيەدىكى بەرەڭگە چوڭ ئاچارچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن، بەزىلەر 19-ئەسىردە ئىسلاندىيەدىكى كەڭ كۆلەمدە تارقالغان قىزىل ۋىرۇسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولسا، يەنە بەزىلەر 19-ئەسىردىكى ئەنگلىيەگە قاراشلىق كارپ دېڭىزى رايونىدىكى ئېكىنزارلىقلاردا قۇل بولغان.

بۇ خىل كىشىلەر توپىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان، كۆزلىمە ئۆمرى كۆپ ھاللاردا 20 ياشقا توشمىغان. مۇشۇنداق ئىنتايىن ناچار مۇھىتتا ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا يەنىلا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرگەن، پەرقى 6 ئايدىن 4 يىلغىچىلىك ھالدا ئۇزاق بولغان. مەسىلەن، ئىرېلاندىيەدىكى بەرەڭگە چوڭ ئاچارچىلىقى مەزگىلىدە ئەرلەرنىڭ ئۆمرى 18.7 ياش، ئاياللارنىڭ 22.4 ياش بولغان؛ ھۆرلۈككە ئېرىشكەن نېگىر قۇللار غەربىي ئافرىقىغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن كۆپ خىل ئىسسىق بەلباغ كېسىلىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئۇلار يېتىپ بارغان 1-يىلىدا تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ كۆزلىمە ئۆمرى 1.68 ياش، قىز بوۋاقلارنىڭ 2.23 ياش بولغان.

ھەرقايسى توپلار ئىچىدە قىز بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ بىرقەدەر تۆۋەنلىكى ئاياللارنىڭ ئۆمرىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىل. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بوۋاقلار ئۆز ھەرىكىتى ئامىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن، ئىجتىمائىي ئامىل ياكى ئىنتايىن ئاز تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ياكى ئوغۇل بوۋاقلار ناھايىتى ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقى ئۈچۈن، قىز بوۋاقلارنىڭ ياشاشتىكى ئەۋزەللىكىنىڭ مۇھىم بىئولوگىيەلىك مەنبەسى بار ئىكەن.

ئىككى جىنسنىڭ ئۆمۈر پەرقىگە نىسبەتەن، بەزى ئالىملار ئىممۇنىتېت ۋە مېتابولىزم (ماددا ئالمىشىش) قاتارلىق بىئولوگىيەلىك جەھەتتىكى سەۋەبلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسە، بەزىلەر ئەرلەرنىڭ ئاسانلا خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، تېخىمۇ كۆپ تاماكا ۋە ھاراق ئىستېمال قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق كېيىنكى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولغان دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى. يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاياللارنىڭ ياشاش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئامىللار ئاساسىدا يىلتىز تارتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەمئىيەت ۋە مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号