باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

226يوللانما
6مەستانە

22 ياشلىق ئىستۇدېنت كۈندە كەچتە ئۆزىنى زەرەتلەپ تۇرمىسا ئۆلۈپ قالىدۇ

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:30 2 ئىنكاس چۈشتى

«بېيجىڭ ۋاقتى» تور بېكىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

يانفوننى زەرەتلەيمىز، چۈنكى توك مىقدارى بەك تۆۋەن بولسا، يانفون ئاپتوماتىك ئۆچۈپ قالىدۇ. ئەمما ئەنگلىيەدىكى بىر يىگىت كۈندە كەچتە ئۆزىنى زەرەتلەيدىكەن، بىخەستەلىك قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 11-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ۋورسېستېر ئۆلكىسىنىڭ رېددىتچتىن كەلگەن جېم لېينسكى بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن، ئۇ شىفىلىد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستېمال باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇيدۇ. ئۇ ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ياش ئېلېكتىرونلۇق يۈرەك ئىشلەتكۈچى بولۇپ، ھەر كۈنى كەچتە باتارېيە زەرەتلىگۈچنىڭ ئېلېكتىر مەنبە سىمىنى بەدىنىدىكى بىر تۆشۈككە كىرگۈزۈپ، يۈرىكىنى زەرەتلەپ جان ساقلايدۇ.

جېم بىلەن ئاچىسى گېرس قوشكېزەك بولۇپ، تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتە بولغاندا بەختكە قارشى ۋىرۇسلۇق مېڭە پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ، ھەمدە كېڭىيىش خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ، شۇڭا يىل بويى كۈتىنىپ ۋە دورا ئىچىشكە تايىنىپ جان ساقلايدۇ.

ئۈچ قېتىملىق ئەجەللىك تۇيۇقسىز يۈرەك توختاپ قېلىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ئېلېكتىرونلۇق يۈرەكتىن بىرنى ئورنىتىدۇ، بۇ قۇرۇلما خۇددى بىر پومپىغا ئوخشاش ئۇنىڭ سول تەرەپتىكى يۈرىكىنىڭ ئاجىز سوقۇشىنى كۈچەيتىپ، نورمال قان ئايلىنىش ھالىتى ساقلاپ قالىدۇ. بۇ «ئېلېكتىرونلۇق يۈرەك»نىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى جېم بېلىگە باغلىۋالغان باتارېيە تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭغا سىگنال بېرىش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ناۋادا بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلسە سايراپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ئەنگلىيەدە ھازىر تەخمىنەن 100 ئادەم ئېلېكتىرونلۇق يۈرەك ئورناتقان، ئۇنىڭ ئىككى باتارېيەسى بولۇپ، ھەر بىر باتارېيە تەخمىنەن سەككىز سائەت ئىشلەيدۇ، بىر كىچىك تىپتىكى كومپيۇتېر ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق كېسەل يۈرەكنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، جېم چوقۇم ئېھتىياتچانلىق بىلەن بۇ ئىككى باتارېيەنى تولۇق زەرەتلەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. جېم مۇنداق دېدى: «مەن چوقۇم ئېلېكتىر مەنبە سىمىنى تېنىمگە كىرگۈزىشىم كېرەك، بەدىنىم خۇددى يانفونغىلا ئوخشاپ قالدى.»

يۇيۇنۇش ئىنتايىن ئاۋارىچىلىك، جېم يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئاۋۋال باتارېيەنى سۇدىن ساقلىنىش خالتىسىغا ھىم ئورايدۇ. سىرتقا چىقىپ ئارام ئېلىشمۇ بەكلا ئاۋارىچىلىك، چۈنكى سىرتقا دەم ئېلىشقا چىققاندا جېم بارلىق ئەسلىھەلەرنى چامادانغا قاچىلاپ ئېلىپ مېڭىشى كېرەك، بارىدىغان جايدا توك توختاپ قالسا قەتئىي بولمايدۇ، شۇڭا جېم ھەمىشە ئۆيدىن باشقا ھەر قانداق جايدا قونۇپ قىلىشتىن بەكمۇ ھەزەر ئەيلەيدۇ.

جېم مۇنداق دېدى: «كىچىكىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە جەھەننەمنىڭ ئالدىدىن نەچچە رەت قايتىپ كەلدىم، ئەڭ بالدۇر يۈرەك قوزغاتقۇچنى ئورناتقاندىن تارتىپ 17 ياشقا كىرگەندە يۈرەك كېسىلىم ئېغىرلىشىپ ‹ئېلېكتىرونلۇق يۈرەك› ئورنىتىشقا مەجبۇر بولغانغا قەدەر بولغان شۇنچە يىللاردىن بىرى بىرەر كۈنمۇ 8 سائەتتىن ئارتۇق خاتىرجەم ئۇخلاپ باقمىدىم.» ھازىر جېم يۈرەك كۆچۈرۈشتەك ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا، يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇ «ئەزا قوبۇل قىلغۇچىلار تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلىدۇ، ئەمما ئۇ سەل دەككە-دۈككىدە قالغان. ئۇ: «يۈرەك كۆچۈرۈش ئويۇم ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق، ئەگەر كۆچۈرگەن يۈرەك كار قىلمىسا، مەن بۇرۇنقى ھالىتىمگە قايتالمايمەن.» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 特别爱1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاھ ، بۇ تەرەققىياتنى

  • توغراق،شاھى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەقىقىي راست ماشىنا ئادەم ئىكەن دە بۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号