باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

شىئەندە بىر بوۋاي يالاڭئۇچا چېنىقىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 22:43 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قار توختىغاندىن كېيىن شىئەننىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن سەككىز سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالدى. مۇشۇنداق ھاۋادا ئۈستى بەدىنى يالىڭاچ ھالەتتە چېنىقىۋاتقان 69 ياشلىق جۇ مىڭدې ئەتراپتىكىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققتىنى تارتتى. ھازىر ئۇنىڭ مۇشۇنداق چېنىقىۋاتقىنىغا 10 نەچچە يىل بولدى.

ئۇ: «30 يېشىمدىن باشلاپلا قانۇنىيەتلىك چېنىقاتتىم، ۋاسكېتبول، پۇتبول، يالاڭ، قوش تورنىكلارغا ئامراق ئىدىم. ھازىر ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 5:30دا ئويغىنىپ كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ ساغلاملىق ھەرىكىتى ئىشلەپ ئاندىن پەسكە چۈشىمەن، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە سوغۇق سۇدا يۇيۇنىمەن» دېدى.

ئۇ كۆپچىلىكنىڭ قارىغۇلاچە چېنىقماسلىقى، بەدەن ئەھۋالىنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكى، ھەممە ئادەمنىڭ يالىڭاچ چېنىقىپ، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشى ھاجەتسىزلىكىنى ئېيتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号