باش بەت

كىنوچى

458يوللانما
103مەستانە

«نارۇتو»دىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن جەڭلەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:40 17 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە كارتون فىلىمى «نارۇتو» (火影忍者)نى «نىنجادەك بۇ زۇلمەتكە يوشۇرۇنغان خىزمەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇياش نۇرى ئاستىغا ئېلىپ چىققان» دېيىشكە بولىدۇ، نىنجالار تەسۋىرلەنگەنىكەن، ئۇنداقتا ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. «نارۇتو»دا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇش كۆرۈنۈشلىرى بار، بۈگۈن بىز بۇ كارتون فىلىمدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن جەڭلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

دولقۇن دۆلىتى جېڭى: كاكاشى VS زابۇزا

بۇ ئۇرۇشنى «نارۇتو»نىڭ ئاخىرقى بۆلىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن ئاجىز، ئاددىي بىر ئۇرۇش، پەقەت ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك نىنجانىڭ ئۇرۇشى. لېكىن، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئەڭ كلاسسىك تەرىپى شۇكى، كاكاشى بىلەن زابۇزانىڭ كۈچى تەڭلىشىپ قالغان پەيتتە، ھەرخىل ئاماللار بىلەن قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلماقچى بولغان جەريان. بۇ بىر بۆلەك ئۇرۇش ھەقىقىي يوسۇندا «نارۇتو»نى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ نۇرغۇن كىشىلەر «نارۇتو»نى قوغلىشىشقا باشلىغان، ھەمدە بارا-بارا ئۈچ چوڭ كارتون فىلىمنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ ھەرخىل نىنجا ماھارىتى، ئۇرۇش تاكتىكىسى...قاتارلىق نۇقتىلىرى، ھەقىقىي نىنجالار بىلەن مەۋھۇم دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تەڭپۇڭلۇقنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

پېين جېڭى: نارۇتو VS پېين

«نارۇتو»دا ئىزچىل كونوخا يېزىسىنى ۋەيران قىلماقچى بولۇۋاتقانلار ئاز ئەمەس، لېكىن ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن كونوخا يېزىسى ۋەيران بولۇشتىن ئىلگىرى بىر تەرەپ قىلىنغان. پېين دەل بىرىنچى بولۇپ كونوخانى ۋەيران قىلغان تاجاۋۇزچى، ئۇ كونوخاغا زور بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن، ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، نۇرغۇن تايانچ كۈچلەرنى يوقاتقان، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پېين ياراتقان بۇ «نەتىجە»گە، بۇندىن بۇرۇن ھېچكىم يېتىپ باقمىغان. نارۇتو پاقا ئەۋلىيا بىلەن كونوخاغا قايتىپ كەلگەندە، خۇددى دۇنيانى قۇتقۇزىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىماننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مەيدانغا چىققىنىدەك، ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان، نارۇتونىڭ پېيننى مەغلۇپ قىلىش جەريانى، بىزگە نارۇتونىڭ ھەمىشە ئىش تېرىپلا يۈرىدىغان كەپسىز بالىدىن، زىممىسىگە ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئارتالايدىغان ئەر كىشىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئاكا-ئۇكا جېڭى: ئۇچىھا ئىتاچى VS ئۇچىھا ساسكې

ئۇچىھا ئىتاچى بىلەن ئۇچىھا ساسكې ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە نەپرەت پۈتۈن «نارۇتو»نى كېسىپ ئۆتكەن ئاساسىي لىنىيەلەرنىڭ بىرى، ئىتاچىنى ئۆلتۈرۈش، ساسكېنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان كۈنىدىن باشلانغان ئارزۇسى. ئىتاچى يۈز تۇرنە ھالدا ساسكې بىلەن ئېلىشقان پەيتتە، بارلىق مەستانىلەر بۇ جەڭنىڭ نەتىجىسى ئۈستىدە ئەندىشە قىلغان، ساسكې مەغلۇپ بولسا، يەنىمۇ يىرگىنىشلىك بولۇپ كېتەمدۇ؟ ئىتاچى مەغلۇپ بولسا، ئۆلتۈرۈلەمدۇ؟ تەسىر كۈچى زور بولغان بۇ ئىككى ئوبرازنىڭ، مەستانىلىرى قەلبىدە مەغلۇپ بولماسلىقتىكى سەۋەبلىرى ئىنتايىن كۆپ. بۇ جەڭنىڭ جەريانى ھەقىقەتەن ئىنتايىن قالتىس، مەيلى قول قىلىچتىن ئازدۇرۇش ماھارىتىگىچە بولسۇن ياكى ئوت قالقىنىدىن سۇسانوغىچە بولسۇن، ئۇچىھا جەمەتىنىڭ بارلىق ماھارەتلىرى دېگۈدەك بۇ جەڭدە نامايەن بولغان، بۇ جەڭ ئاخىرىدا بىر قېتىملىق تەڭلىشىش ۋە ئاكىسىنىڭ ئۇكىسى ئۈچۈن قۇربان بېرىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ئاپتورنىڭ بۇ ۋەقەلىكنى بىر تەرەپ قىلىشى، «نارۇتو»دىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە ھېسابلىنىدۇ.

كاي بىلەن مادارا جېڭى: ئالتە يوللۇق مادارا VS سەككىز ئىشىكلىك كاي

ئالتە يوللۇق مادارا ئەسلىدە «نارۇتو»دىكى ئاخىرقى BOSS ئىدى، ئۇنىڭ كۈچى يېڭى مۇمكىن بولمىغان دەرىجىگە يەتكەن، نىنجا دۇنياسىدىكى بارلىق كۈچلەرنى يىغقاندىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىگەن. لېكىن كاي ئورنىدىن تۇردى، ھەمدە مەستانىلەر ئون نەچچە يىل ساقلىغان چوڭ ماھارىتى «سەككىز قالقان ئىشىك»نى نامايەن قىلدى. ئالتە يوللۇق مادارا بىلەن سەككىز ئىشىكلىك كاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ، «نارۇتو»دىكى كىشى قەلبىنى ئەڭ ھاياجانغا سالغان جەڭ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا مەستانىلەر كاينى «بىر پەشۋا بىلەن نارۇتونى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تاسلا قالغان ئەر» دېيىشىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ نەقەدەر ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئاخىرقى نەتىجىنى بۇ قېتىملىق جەڭگە سېلىشتۇرغاندا، بىر قەدەر ئاددىي، مادارا ئۆلمەيدۇ، كايمۇ ئۆلمەيدۇ، بەلكىم بۇ «نارۇتو»نىڭ كېيىنكى ۋەقەلىكلىرىگە بولغان قوغلىشىشدىن پەيدا بولغان نەتىجە بولۇشى مۇمكىن.

ئاخىرلاشتۇرۇش جىلغىسىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ: ئۇزۇماكې نارۇتو VS ئۇچىھا ساسكې

بۇ «نارۇتو»نىڭ ھەقىقىي يوسۇندىكى ئاخىرلاشتۇرۇش جېڭى، «نارۇتو» باشلىنىپ، نارۇتو بىلەن ساسكېنىڭ دوست بولۇشىدىن، ئاخىرىدا نىنجا دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىككى شەخسكە ئايلانغان بۇ ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاخىرقى جەڭگىچە بولغان بۇ جەريان، ئون نەچچە يىللىق ۋاقىتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

ئون نەچچە يىل، بۇ جەرياندا بىر كىچىك بالا جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توي قىلىپ، بالىلىق بولۇپ بولىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ نارۇتو بىلەن ساسكې ئوتتۇرىسىدىكى ئاخىرقى ھېساب ئەمەس، بەلكى ئاپتور كىشىموتونىڭ نارۇتو ۋە ساسكې ئارقىلىق مەستانىلەر بىلەن بولغان ئاخىرقى خوشلىشىشى، بۇنىڭ خاتىرىلەش ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • گارا3 كۈن ئىلگىرى

    ئۈچ چوڭ كارتون دېگەن ماشىنا مۈشۈك دولايىموڭ،دېڭىز قاراقچى شاھى،يەنە بىرسى مۇشۇ نارۇتو شۇ

  • نارۇتۇ مەستانىسى6 كۈن ئىلگىرى

    133سېلى نىمە دىمەكچى نىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس دىمەكچى

  • ئۇچىھا ئىتاچى6 كۈن ئىلگىرى

    ئۈچ چوڭ كارتون دىگەن قايسى كارتونلارنى كۆرسىتىدۇ باللا بىلدىغانلا دەپ بېرېڭلار

  • گارا6 كۈن ئىلگىرى

    ھەي ، ئالامەت ئىشلىگەن كارتون دە بۇ!

  • مىرزا!6 كۈن ئىلگىرى

    نارۇتو خەۋىرىنى يوللايدىغان تەھىرىر ، خاپومماي تاماقنى ۋاقتى ۋاقتىدا يەپ خەۋەرنىمۇ ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ بەرسىڭىز بوپيىكەن ، بەكلا ساقلاپ كەتتۇق جۇمۇ

  • kirito6 كۈن ئىلگىرى

    ئاساسلىقى مەن كۆڭلۈمدە تىزغان ئەڭ قالتىس جەڭلەر بېلەن ئوپمۇ ئوخشاشكەن،دېمىسىمۇ ھەر بىر نارۇتو ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان جەڭلىرىغۇ دەيمەن...

  • 133******996 كۈن ئىلگىرى

    بۇ دىگەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولىدىغان پىروگرامما بولغانكىن قالايمىقان بىرمىلەرنى ئەۋەتمىسەڭلا تەھرىرلە بۇ رىياللىققا ئۇيغۇن نەرسە ئەمەس

  • ئۇچېخا ساسكى6 كۈن ئىلگىرى

    شەخسەن مەن بۇ كارتوننى بەك ياختۇرمەن

  • شەخسى پىكىر6 كۈن ئىلگىرى

    جىراييا بىلەن پېيننىڭ جېڭى بار تېخى ئۇلار نەق ئۈچ قىسىم ئۇدا ئۇرۇشقان،جىراييا پۈتۈن كۈچىنى ئىشلىتىۋەتكەن لېكىن يەنىلا ئۆلدى

  • ،سەلتەنەت6 كۈن ئىلگىرى

    نارۇتو بىلەن ساسكې كىچىك ۋاقتىدا بىر قېتىم تۇتۇشىدۇ ، 133 چى قىسىمدا ، ئورۇچىمارۇ بىلەن ئۈچىنىچى ئەۋلاد ئوت ئاتامانى تۇتۇشىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号