باش بەت

ئىدىقۇت887

7112يوللانما
14مەستانە

مالايسىيا 2018-يىللىق يەر شارى خانقىزى تاللاپ چىقىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 00:30 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا 2018-يىللىق مالايسىيا يەر شارى خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقان بولۇپ، مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىپ مودىل مېڭىش، نومۇر ئورۇنداش، نەق مەيداندا جاۋاب بېرىش قاتارلىق باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا مالايسىيا پېناڭ (Penang) شەھىرىدىن كەلگەن 20 ياشلىق جەين تېئو (Jane Teoh) بۇ قېتىمقى مالايسىيا يەر شارى خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

يۇقارقى سۈرەتتىكىسى بولسا بۇ قېتىمقى مالايسىيا يەر شارى خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى 18 كۈچلۈك ماھىر بولۇپ، تاراتقۇلار بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەدەن فىگۇرىسى كېلىشكەن ساھىبجامال قىزلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۆت كۈچلۈك ماھىرنىڭ ئىچىگە كىرگەن ماھىرلاردىن توققۇزىنچى نومۇرلۇق ماھىر جەين تېئو (Jane Teoh)، تۆتىنچى نومۇرلۇق ماھىر ئەلىكىس سۇئان سېئوۋ سۇيىن (Alexis SueAnn Seow Su-Yin)،  ئون ئىككىنچى نومۇرلۇق ماھىر لىلىيانا فېرناندېز (Liliana Fernandez) ۋە 14-نومۇرلۇق ماھىر جاسېبېل شالانى روبېرت (Jasebel Shalani Robert).

مالايسىيالىق تورداشلار ماھىرلارغا بەس-بەستە باھا بېرىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن 4 كۈچلۈك ماھىرنىڭ پەرقىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى، 9-نومۇرلۇق ماھىر جەين تېئودىن باشقا ئۈچ نەپەر كۈچلۈك ماھىرنىڭ مۇسابىقە بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقتەكلا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بەزى كىشىلەر مۇنداق دېيىشكەن:«بۇلارنى ھەتتا قارىغۇلارمۇ تاللىيالايدۇ، 9-نومۇرلۇق ماھىردىن باشقا 3 ماھىرنى ئۇنچە چىرايلىق دېگىلى بولمايدۇ!»


خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن جەين تېئونىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.78 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىر سودا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئىستۇدېنت ئىكەن.

جەين دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا قوشۇمچە مودىللىق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ توردىكى مەستانىلىرىنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

جەين تېئو ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ باقمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

جەين بۇ يىل مالايسىياغا ۋاكالىتەن دۇنيا خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مودىللىق ھاياتىمۇ بۇ يىلدىن باشلانغۇسى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • en solin1 ھەپتە ئىلگىرى

    مالايسىيادا ئەڭ چىرايلىق قىز ئاشۇ كەنما ئۇنىڭدىن باشقا تۈزۈكرەك تىن بىرەسى چىقمىغانمىدۇ

  • @چېمپىيۇن@1 ھەپتە ئىلگىرى

    مالايسىيانىڭ قىزلىرى مۇ خېلى چىرايلىقكەن ھە قارىسام قارىسام قارىغۇم كىلۋاتىدۇ ھى ھى ھى

  • 130******591 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ مۇسابىقە راستىنلا ئادىل بولۇپتۇ.

  • 130******591 ھەپتە ئىلگىرى

    راستىنلا چىرايلىق ئىكەن.

  • سۇرتاز1 ھەپتە ئىلگىرى

    كوزى قارىغۇمۇ بۇ خەخنىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号