باش بەت

ئەكرەم ئابدۇكېرىم

210يوللانما
10مەستانە

تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ياخشى ئەپەندىم»نىڭ 2-بۆلۈمى قويۇلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:44 14 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ياخشى ئەپەندىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىزغىن قويۇلۇۋاتقان ۋاقىتلاردا، بىر جىنايەتچى بۇ فىلىمنى كۆرۈپ، فىلىمدىكى سۈن خوڭلېينىڭ لۇ يۈەن ئوبرازىغا ئۆزىنى ئوخشىتىپ، تېزلا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. لۇ يۈەننىڭ گەن جىڭنى ئۇنتۇغاندىن كېيىن، ئاندىن جياڭ لەيگە ئېرىشەلىگەن بۇ نادىر ئەسەر ھەقىقەتەنمۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تۇلپارى دېيىشكە ئەرزىيدۇ.

فىلىمدىكى سۈن خوڭلېينىڭ مىجەزى، جياڭ شۇيىڭنىڭ تەنناز ھالىتى، جياڭ يىشىڭنىڭ ئوماقلىقى ھەمدە گۇەن شياۋتۇڭنىڭ غەلىتە خاراكتېرى، بۇ فىلىمنىڭ جانلىقلىقنى تېخىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئۇلارنىڭ رول ئېلىش تېخنىكىسى ھەربىر پېرسوناژنى تولىمۇ تەبىئىي ھەم تولىمۇ جانلىق ئىپادىلەپ بەرگەن. بولۇپمۇ سۈن خوڭلېينىڭ ياراتقان ئوبرازى لۇ يۈەن قارىماققا تولىمۇ لۈكچەك، ئالدىراقسان، ئۆپكىسى يوق كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق، شەپقەتلىك، مېھرىبان بىر شەخس.

فىلىمنىڭ نامى ياخشى دولقۇن قوزغاپ، ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئارقا سەپتىكى فىلىمنىڭ ئەسلى ھوقۇقدارى ياۋ شياۋفېڭ ۋە سېنارسىت لى شياۋ فىلىمنىڭ 2-بۆلۈمىنى سۈرەتكە ئېلىشكە كىرىشتى. فىلىم گۇرۇپپىسى ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتە سۈرەتكە ئېلىپ، تۆت ئايدىن ئارتۇق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇرادىغا يەتتى ھەمدە فىلىمنى 40 قىسىم قىلىپ بېكىتتى.

سۈن خوڭلېينىڭ ئوبرازى جىن دۇڭنىڭ رول ئېلىشىغا ئالماشتۇرۇلۇپ، فىلىم ئىسمىمۇ «مۇھەببەتلىك ئەپەندىم»گە ئۆزگەرتىلگەن بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى 12-فېۋرال دۇڭفاڭ تېلېۋىزىيەسى ۋە جياڭسۇ تېلېۋىزىيەسىدە قويۇلۇشقا باشلىدى. ئەسلىدە بۇ كۈندە فەن بىڭبىڭنىڭ «جاھان ئەركىسى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلماقچى بولغان، لېكىن ما سۇ بۇ فىلىمغا رول قاتناشتۇرغانلىقى ئۈچۈنلا، قويۇلۇشى ئارقىغا سۈرۈلدى.

فىلىمدە بىردىنبىر ئالماشتۇرىۋېتىلمىگەن جياڭ شۇيىڭ مىكروبلوگىغا فىلىم ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى يوللىغان. گەرچە ئېنىق دېمىسىمۇ، لېكىن «جۈمە كۈنى؟ جۈمە كۈنى كۆرىشەيلى!» دېگەن گېپىدىنلا فىلىمىنىڭ قويۇلىدىغانلىقىنىڭ خەۋىرىنى بەرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

كونا ھەمراھى سۈن خوڭلېيمۇ كىچىك نومۇرى بىلەن يۈرەك بېرىپ قويغان، بۇنىڭدىن سۈن خوڭلېينىڭ جياڭ شۇيىڭغا بىلدۈرگەن تىلىكىنى كۆرۈۋېلىشتىن باشقا يەنە، تولىمۇ سالاپەتلىكلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ بۆلۈمىنى كۆرمەيدىغانلىقنى ئىپادىلىگەن. چۈنكى ئالدىنقى بۆلۈمىنىمۇ سۈن خوڭلېينى دەپ كۆرگەن بولغاچقا، بۇ بۆلۈمدە سۈن خوڭلېينىڭ ئالماشتۇرىۋېتىلىشى تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆتۈرەلمىگەن. تورداشلار ئەسلىدىكى ھېسسىياتنىڭ چىقماسىلىقىدىن گۇمان قىلغان.


باش سۈرەت تاللاش x
  • pkkkkkkk3 ئاي ئىلگىرى

    مەن سىلەرگە سۇن خوڭنىڭ يەنە بىر كىنوسىنى تەۋسىيە قىلاي كۆزنەكتە بار، "بىر ئەۋلاد باتۇرلار :دېگەن كىنوسىمۇ بەك ئېسىل چىقىپتۇ.

  • pkkkkkkk3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ كۆرمەيمەن. ئارتىسلار ئالماشتۇرۋېتىلسە تايىنى يوق بولۇپ قالدى. خۇددى ئۆزگىرىشچان ۋاجراغا ئوخشاش. ئارتىسنى ئالماشتۇرۋېتىپ. ئەخلەت فىلىم دېگەن نامغا قېلىپ قالدى ئەمەسمۇ.

  • ئايپەرى3 ئاي ئىلگىرى

    ھا ھا راست دەيسىز، جىندوڭنىڭ كىنولىرىنى كۆرمىسە ياخشى، بىرلا كۆردىمۇ بولدى شۇ جىندوڭنىڭ مەستانسىگە ئايلىنىدىغان گەپ.

  • گۈزەلئاي7773 ئاي ئىلگىرى

    ھەممىدىن تاينى يوق ئىشتە مۇشۇ ئىككى بۈلۈم دەپ قۇيۇپ ئىككى بۈلۈمدە باش پىرسۇناژنى ئىككى خىل قىلىپ ئىلەشتۈرۈپ ئۇنىڭدىن كۈرە ئايرىم ئايرىم قىلماي كىنونى

  • 183******323 ئاي ئىلگىرى

    پەرھات خالىق ئوقوغان ناخشىسىنى ،بەكلا ياقتۇرىمەن،

  • ئۇستام3 ئاي ئىلگىرى

    ئەلۋەتتە سۈن خۇڭلېينى دەپ كۈرىدۇ تەڭدىن تۇلا ئادەم

  • باھدىر،3 ئاي ئىلگىرى

    ئەمسە مەنمۇ كۆمەيمە،، پەرھات خالىق نىڭ ناخشىسى چىقىدىغان يەلىرنى كۇرۇشكە ئمراقتىم، لىكىن بۇ ئىككىنجى بۇلۇمدە چىقمايدۇ دە،

  • شەھرىيا3 ئاي ئىلگىرى

    سۇن خۇڭلىينى ئالماشتۇرۇپ نىمە قىلدۇ ما رىژىسور يا سۇنخۇڭلىينىڭ باھاسىغا چىقىش قىلالمىدىمۇ مەنغۇ پەرھات خالىقنىڭ ناخشىسىنى دەپلا كۇرۇپ قىززىقىپ قالغان ئەمما پەرھات ناخشىنى بەك پەيزى ئېيتۋەتكەن جۇمۇ

  • onlyone3 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى كىنو ئىدى

  • the Roh3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ كۆرمەيمەن ، ئالەي قىززىتقان كىنو بۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号