باش بەت

رازى

1705يوللانما
47مەستانە

16 ياشلىق قىز گۈزەل بولىمەن دەپ ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:27 4 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بوي ئېگىزلىكى 160 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى ئاران 35 كىلوگىرام، بۇ بەلكىم نۇرغۇنلىغان قىزلار ھەۋەس قىلىدىغان نىسبەت بولۇشى مۇمكىن. ئەمما 16 ياشلىق شىياۋ مىي بۇ نىسبەت ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئايدا پەقەت ئىككى قېتىم چوڭ تەرەت قىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى، ئۇ يەنە بۇ سەۋەبتىن ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇردى.
چوڭ تەرەت قىلىش كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئىش، نورمال كىشىلەر ھەر كۈنى 1-2 قېتىم چىقىرىدۇ. بىر ھەپتىدىكى چىقىرىش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئاز بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى كۈچەشكە توغرا كەلسە، مىقدارى ئاز ھەم قاتتىق بولسا، قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شياۋ مېي ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، بوي ئېگىزلىكى 160 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى پەقەتلا 35 كىلوگىرام، بۇ قىز ئىنتايىن ئورۇق ھەم بىچارە بولۇپ، تېرە رەڭگى خۇنۈك، قارىماققا ساغلام ئەمەس كۆرۈنەتتى. خاڭجۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى دوختۇرخانا مەقئەت ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گوڭ ۋېنجىڭنىڭ ئېيتىشىچە، شياۋ مېي ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ئېغىر قەۋزىيەت ئازابى تارتىۋاتقان ئىكەن، ئەگەر ئۇ سۈرگە دورىسى يېمىسە 10-15كۈنگىچە تەرەت قىلماسلىق ئادەتتىكى ئىش ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزچاق تەرەت قىلمىغانسېرى، قورسىقىنىڭ كۆپۈپ بىئارام بولۇشىدىن قورقۇپ بىر نەرسە يېيىشكە پېتىنالمىغان، شۇنىڭ بىلەن يامان ئايلىنىش شەكىللەنگەن ئىكەن.
شياۋ مېينىڭ قورسىقىدا 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا تاتۇق بار بولۇپ، بىر يىل ئىلگىرى قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا شياۋ مېي شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر چوڭ دوختۇرخانىدا قەۋزىيەتنى كۆرسەتكەن، دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ 30 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۈچىيىنى كېسىپ ئېلىۋەتكەن، نەتىجىدە ئۇنىڭ قورسىقىدا تاتۇق كۆپەيگەندىن باشقا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. گوڭ مۇدىر ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شاڭخەيدىكى مۇتەخەسسىسنىڭ دىئاگنوزىدا مەسىلە يوق دەپ قارىغان، ئەمما كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن ئۈچەي ئانچە ئۇزۇن بولمىغاچقا ئىككىنچى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىپ پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدىكەن. ئوپېراتسىيەنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ شياۋ مېي يەرگە چۈشۈپ ماڭسا بولىدىكەن، ئۈچىنچى كۈنىدىن باشلاپ نورمال چوڭ تەرەت قىلالايدىكەن. پەقەت چوڭ تەرەت ساقلايدىغان ئۈچەينى كېسىپ ئېلىۋەتكەچكە، ئۇ ھەر كۈنى 3-5 قېتىمغىچە چوڭ تەرەت قىلىدىكەن، ئەمما نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتمەيدىكەن.
ئۇنداقتا شياۋ مىي قانداق قىلىپ بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ؟
13 ياشلىق شياۋ مېي زىلۋا بەدەنلىك بولۇش ئۈچۈن ئوغرىلىقچە ئورۇقلىتىش دورىسى يېگەن، ھەممىمىزگە ئايان ئورۇقلىتىش دورىسىدا ئىچىنى سۈرۈش تەركىبى بولۇپ، بۇ خىل دورىنى كۆپ يېگەندە ئۈچەي يولىدىكى نېرۋا ۋە مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارى بۇزۇلۇپ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما كىچىك بالىلار بۇلارنى بىلمىگەچكە، تەرىتى بىنورمال بولسىمۇ يەنە داۋاملىق شۇ خىل دورىنى يېگەن، نەتىجىدە يېگەنسېرى قەۋزىيەت ئېغىرلىشىپ، ئاخىرىدا چىدىغۇسىز ھالغا كەلگەن ھەمدە دوختۇرخانىغا بارغان.
گوڭ دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، قەۋزىيەت بىمارلىرى ئىچىدە %20-%30 بىمارلار ئاستا خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قالايمىقان سۈرگە دورىسى يېيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، ئاياللار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
شۇڭلاشقا كۆپچىلىك چوڭ تەرىتى بىنورمال بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە ھەرگىز قالايمىقان سۈرگە دورىسى يېمەسلىكى، بولۇپمۇ ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ قەۋزىيەتنى بوشىتىش، زەھەر ھەيدەپ ئورۇقلىتىشنى دەستەك قىلغان ساغلاملىق دورىلىرىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس دوختۇرنى ئىزدەپ، يىڭنە سانجىش، بىئولوگىيەلىك قايتما ئىنكاس، يېمەكلىك ئارقىلىق تەڭشەش قاتارلىق ئىلمىي ئۇسۇللارنى قوللىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 特别爱1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋېي ئىسىت ، بۇ قىزنى

  • يالغۇزئەركەك1 ھەپتە ئىلگىرى

    سىمىز جانلىق خۇتۇن تاپالماي يۇرسەم ھازىرقى زامان قىزلىرى نىمە بولۇپ كەتتى ئەمدى

  • ئامىدىيۇ1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ دىققەت قىلسام بولغىدەك،،،، مەندىمۇ قەۋزىيەت ئېغىر

  • بۇيرۇق1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەكلا ئوپدان بوپتۇ ئاجايىپ خۇش بولدۇم ،باشقىلارمۇ خۇشال بولسۇن ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号