باش بەت

del103

4194يوللانما
38مەستانە

LG G7 يانفونىنىڭ تۇنجى لايىھە سۈرىتى ئاشكارىلاندى

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:33 4 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

LG شىركىتى كەلگۈسىدە G يۈرۈشلۈك بايراقدار يانفونىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما LG نىڭ يېڭى نۇسخىدىكى بايراقدار يانفونى يەنىلا LG G7 دەپ ئاتىلىشى مۇمكىن. بۇ يانفون بۇ يىل 4-ئايدا بازارغا كىرىدۇ، ھازىر ئۇنىڭ تۇنجى لايىھە سۈرىتى ئاشكارىلاندى. سۈرەتتىن LG G7 يانفونىنىڭ ئۈستى ۋە ئاستى رامكىسىنىڭ LG G6 دىنمۇ تارلىقىنى كۆرەلەيمىز.

LG G7 يانفونى پۈتۈن ئېكرانلىق لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئېكران يۈز نىسبىتى LG G6دىنمۇ چوڭ. يانفوننىڭ ئالدىغا قوش كامېرا ئورنىتىلغان، بۇ يەردە يەنە مىكروفون، ئارىلىق سېنزورى ۋە لامپىسى بار.

يانفون سول يېنىدىكى ئىككى كۇنۇپكا ئاۋاز كۇنۇپكىسى بولۇپ، توك مەنبە كۇنۇپكىسى يانفوننىڭ ئارقىسىدا بولۇشى مۇمكىن.

ئىلگىرىكى ئۇچۇرلاردا LG G7 يانفونىغا سناپدراگون 845 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىغانلىقى، QC4.0 تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش تېخنىكىسى قوللىنىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇندىن باشقا، مىش-مىش پاراڭلاردا بۇ يانفونغا رەڭدار پەردە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ دېيىلىۋاتىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
  • سامسۇڭ ھەۋاسكارى3 ئاي ئىلگىرى

    مەمەتكە ئوپپو بوسا تايىنى با قەغەز تىلفۇننىڭ بەك تايىنى با

  • ئېمپىراتور3 ئاي ئىلگىرى

    ما تېلىفۇن شىياۋمىي 7 دەك چىقماپتۇ، LG مۇ ئەمدى ئاستا سونىيغا ئوخشاش يولغا كىرىپ قالغۇدەك

  • شىياۋمى ئائىلىسى سېتىش دۇكىنى3 ئاي ئىلگىرى

    ناھايتى تاينى يوق مۇشۇ تېلېفونىڭ

  • سەۋدابىز3 ئاي ئىلگىرى

    خېلى يامان ئەمەس چىقىپتۇ. ئېكران نەچچە سۇڭ تەپسىلى يازماپسىلەرغۇ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号