باش بەت

ئۈمىدجان

338يوللانما
2مەستانە

بۇلتۇر جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ياپونىيەگە بارغان ساياھەتچىلەر يەتتە مىليون 350 مىڭغا يەتتى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:18 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 13-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە دۆلەت زېمىن قاتناش ۋەزىرى 12-يانۋار مۇخبىرلار يىغىنىدا دېيىشىچە، 2017-يىلى ياپونىيەنى زىيارەت قىلغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەر 2016-يىلغا قارىغاندا %19.3 ئېشىپ، 28 مىليون 690 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، ئۇدا ئالتە يىل ئېشىشنى ساقلاپ قالغان ھەمدە تارىختىكى يۇقىرى رېكورت ياراتقان.

كيودو ئاگېنتلىقى ئالاقىدار خادىملارنى زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشكەن. 2017-يىلى جۇڭگو چو قۇرۇقلۇقىدىن ياپونىيەگە بارغان ساياھەتچىلەر 2016-يىلغا قارىغاندا %15.4 ئېشىپ، 7 مىليون 355 مىڭ 800 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئۇدا ئۈچ يىل بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

يەتتە مىليون 140 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا، ئالدىنقى تۆت ئورۇندىكىسى بىردەك شەرقىي ئاسىيادىن بولۇپ، ئومۇمىي ساياھەتچى سانىنىڭ %70دىن ئېشىپ، 21 مىليون 290 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغىنى جۇڭگو تەيۋەن بولۇپ، تۆت مىليون 564 مىڭ 100 ئادەم قېتىمغا يەتكەن. ئاندىن قالسا تەرتىپ بويىچە جۇڭگو شياڭگاڭ ئىككى مىليون 231 مىڭ 500 ئادەم قېتىم، ئامېرىكا بىر مىليون 375 مىڭ ئادەم قېتىم، تايلاند 987 مىڭ 100 ئادەم قېتىم. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号