باش بەت

رۇشەن

2676يوللانما
109مەستانە

دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالغان ئورۇقلىتىش دورىسى زەھەرلىك بولۇپ چىقتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:23 0 ئىنكاس چۈشتى

«بېيجىڭ ۋاقتى» تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مەزمۇنى: گۇماندار ياۋ يىجياۋ تەركىبىدە زەھەرلىك ۋە زىيانلىق ماددىلار بولغان ئورۇقلىتىش دورىسىنى تۆۋەن باھادا زاكاز قىلغاندىن كېيىن قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ يۇقىرى باھادا ساتقان ھەمدە پائال تۈردە ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى بىر قېتىمدا مەھسۇلات سېتىۋېلىش سوممىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش شەرتلىرىگە ئېرىشىشكە قىزىقتۇرغان. نۇرغۇن ئۈندىدار سودىگىرى ياغلىما گەپلەر بىلەن تولغان بۇنداق تەشۋىقاتتا قاتتىق ئىشەنگەن، نەتىجىدە 2 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا كۆپلىگەن ۋاكالەتچىلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 25 مىليونغا يەتكەن.

دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرگە جازا بېرىلدى.

خۇنەن ئۆلكىسى جىڭجوۋ ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشى ئارقىلىق، سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بۇ دېلوغا ئالاقىدار كىشىلەرگە جازا ھۆكۈم قىلغان. زەھەرلىك ۋە زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىش جىنايىتى بىلەن، جاۋابكار ياۋ يىجياۋغا 10 يىل 6 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن، قوشۇمچە 5 مىليون 600 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان؛ جاۋابكار ليۇ شۈەنلاڭغا 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن، قوشۇمچە 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان؛ جاۋابكار چېن شەنۋېيغا 6 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن، قوشۇمچە 300 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان؛ باشقا 15 نەپەر جاۋابكارغا بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىش جىنايىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن 5 ئايغىچە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغىچە ئوخشاش بولمىغان جازا ھۆكۈم قىلىنغان، قوشۇمچە ئىشتراپ قويۇش جازاسى بېرىلگەن.

ئىنساپسىز سودىگەر «زەھەرلىك دورا» ساتقان.

ئىگىلىنىشىچە، جاۋابكار ياۋ يىجياۋ 2014-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا «چاقماق تېزلىكىدە ئورۇقلاش» (闪电瘦) مەھسۇلاتىنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ مەھسۇلاتنى سېتىشقا باشلىغان. كېيىن ئۇ تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن باشقا يەردىن تەركىبىدە Sibutramine) 西布明曲) بار «ئۈچ يوق» ئورۇقلاش مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆزى باستۇرۇپ ياساتقان «چاقماقتەك تېز ئورۇقلىتىش كۇمىلىچى» (闪电瘦身丸) ماركىسىنى چاپلىغاندىن كېيىن تۆۋەن دەرىجىلىك ۋاكالەتچىسىنىڭ سېتىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

سېتىش مىقدارىنى كۆپەيتىشتە ۋاكالەتچىلەرگە تايىنىلغان.

2015-يىلى 7-ئايدا، بۇرۇن بۇ خىل ئورۇقلاش دورىسىنى ئىشلەپچىقارغان سودىگەر تەركىبىدە Sibutramine قاتارلىق زەھەرلىك ۋە زىيانلىق ماددىلار بار ئورۇقلىتىش دورىسى ئىشلەپچىقارغانلىقى سەۋەبلىك مەھسۇلاتلىرى پېچەتلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ياۋ يىجياۋ ۋاسىتىچى سودىگەر ليۇ شۈەنلاڭنى ئىزەپ، ھەر دانىسى 0.3 يۈەنلىك باھادا تەركىبىدە Sibutramine بار ئورۇقلىتىش كاپسۇلىنى زاكاز قىلىپ سېتىۋالغان ھەمدە ۋاكالەتچىلەر ئارقىلىق قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ يۇقىرى باھادا ساتقان.

سېتىش جەريانىدا، بەزى خېرىدارلار «چاقماقتەك تېز ئورۇقلىتىش كۇمىلىچى»نى يېگەندىن كېيىن ئېغىز قۇرۇش، يۈرەك سېلىش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەتتا روھىي توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ناچار تەسىرلەر كۆرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان. بۇنداق گۇمانلار ئالدىدا، ياۋ يىجياۋ «بۇنداق ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال ئەھۋال، پەقەت كۆپ سۇ ئىچىش ياكى بىر مەزگىل يېيىشنى توختىتىپ قويۇلسىلا كېسەللىك ئالامىتى يوقىلىدۇ، مېىنىڭ ساتىدىغان مەھسۇلاتىم مۇتلەق ئىشەنچىلىك» دەپ تەشۋىق قىلغان، شۇنىڭدەك مەھسۇلاتنىڭ ۋاكالەتچى سودىگەرلىرى ئۇنىڭ تەسىرلىك سۆزلىرى ئاستىدا بۇنداق چۈشەندۈرۈشلەرگە ئىشەنگەن. ئۇنىڭ لايىقى چېن شەنۋېي يېقىندىن ماسلاشقان.

تېخىمۇ كۆپ كىشىنى سېتىش ئۆمىكى قاتارىغا قوشۇلۇشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ياۋ يىجياۋ ئورگان تەرەپ ھەمكارلاشقۇچىسى، مەملىكەت بويىچە باش ۋاكالەتچى قاتارلىق 6 قاتلاملىق سېتىش دەرىجىسىگە ئايرىپ، ساتقۇچى ۋاكالەتچىلەرنى بىر قېتىمدا مەھسۇلات سېتىۋېلىش سوممىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرغان ھەمدە ئەڭ تۆۋەن مال سېتىۋېلىش ئۆلچىمىنى ئاران 1800 يۈەن قىلىپ بېكىتكەن. ئۇ ھەتتا كۆپ مال سېتىۋالغۇچىلارغا بىر قېپى 380 يۈەنلىك دورىنى 80 يۈەن يۈەندىن ئالسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، سېتىش پايدىسىنىڭ كۆپلۈكى ۋاكالەتچى سودىگەرلەرنىڭ كۆڭلىدىكى غەم-ئەندىشىلەرنى يوققا چىقارغان، ئۇلار بەس-بەستە يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، بىر قېتىمدا مەھسۇلات سېتىۋېلىش سوممىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن.

«ئورۇقلاش مەستانىلىرى» ئالدام خالتىغا چۈشكەن.

ئىلگىرىكى ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاماق مىقدارىنى ئازايتىش ياكى ھەرىكەت قىلىش بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىىدىغانلىقىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇلار «چاقماقتەك تېز ئورۇقلىتىش» نامىدىكى ئورۇقلىتىش دورىسىنى ھەرىكەت قىلىشقا ماسلاشتۇرۇشنىڭ پۈتۈنلەي زۆرۈرىيىتى يوق، تاماققا چەك قويۇشمۇ ھاجەتسىز، ھەتتا ھېچ ئىش قىلماي ياتسىڭىزمۇ تېز سۈرئەتتە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ ھەمدە قايتا سەمرىتمەيدۇ دەپ تەشۋىق قىلغان، يەنە ئورگان تور بېكىتى، ساختىلىقتىن ساقلىنىش كودى ۋە ساختا تەشۋىقات ئارقىلىق خېرىدارلارنى قايمۇقتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئورۇقلاش ھەۋىسى ناھايىتى كۈچلۈك ھەمدە بۇرۇن سىناپ باققان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان شياۋ خانىمغا ئوخشاش خېرىدارلار بۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم ئىشىنىشنى تاللىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号