باش بەت

غەيرۇل ئابدۇغىنى

40يوللانما
4مەستانە

پاك بوگوم «خيۇرى ئائىلىسى2» پىروگراممىسىغا قاتناشتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:48 0 ئىنكاس چۈشتى

كورېيە تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئارتىست پاك بوگوم «خيۇرى ئائىلىسى 2» ناملىق پىروگراممىنىڭ يېڭى تەكلىپلىك مېھمىنى بولۇپ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، پاڭ بوگوم «خيۇرى ئائىلىسى 2» پىروگراممىسىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەم بۈگۈن جېجۇ ئارىلىغا يېتىپ بېرىپ، پىلاندىكى 3 كۈنلۈك ۋاقىتلىق خىزمەت ئىشلىگۈچى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى باشلىدى.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ پىروگراممىنىڭ 2-سانى سۈرەتكە ئېلىش خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، تورداشلار ئىزچىل پاك بوگومنىىڭ بۇ سانغا قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلغان. پاك بوگوم پىروگراممىلارغا كۆپ قاتناشمىغاچقا، بۇ قېتىم خيۇرى ئەر-خوتۇن ۋە قىزلار دەۋرى گۇرۇپپىسىدىكى يونخالارنىڭ قاتارىغا قېتىلىپ، ھەممىمىزنىڭ تەقەززارىنى قوزغىدى.

بۇ خەۋەرگە نىسبەتەن، JTBC تەرەپ: «پىروگراممىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتناشقان پاك بوگوم، بۈگۈن ئوڭۇشلۇق جېجۇ ئارىلىغا يېتىپ باردى، پاك بوگوم بۇرۇندىنلا خيۇرىنىڭ مەستانىسى بولغاچقا، بۇ قېتىملىق ھەمكارلىشىشقا باشقىچە تەقەززا بولىمىز» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، «خيۇرى ئائىلىسى 2» پىروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە: «يونخا بولسا IUدىن كېيىن قاتناشقان مېھمان بولۇپ، بۇ IUنىڭ 2-سانىغا قاتناشمايدىغان ھۆكۈمىدىن كېيىن چىقىرىلغان ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمى».

ئۇنىڭدىن باشقا، «خيۇرى ئائىلىسى» بولسا خيۇرى ئەر-خوتۇننىڭ تۇرمۇشى سۆزلىنىدىغان پىروگرامما بولۇپ، تۇنجى قىسمى قويۇلغاندىن باشلاپ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، تەپسىلىي پىلانلاپ ئشلەنگەن «خيۇرى ئائىلىسى 2» 8-فېۋرال سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلاپ 2018-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جېجۇ ئارىلىنىڭ قىشلىق گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايەندە قىلىپ قويۇلىدۇ. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号