باش بەت

پەرى2321

180يوللانما
15مەستانە

تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تۆت چوڭ ئائىلە جەمەتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:49 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تۆت چوڭ ئائىلە جەمەتىنى بىلەمسىز؟

قېنى ئەمىسە بۈگۈن ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ باقايلى.

تارقىلىشچان زۇكام ئا، ب، س، د دىن ئىبارەت تۆت چوڭ جەمەتكە بۆلىنىدۇ، بۇ يەنە ABCD تىپلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئا، ب جەمەتىنىڭ ئادەم سانى ئەڭ كۆپ،

ئەزالىرى سەرخىل بولغاچقا ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا بولغان خەۋىپىمۇ ئەڭ چوڭ!

بىلەن N

بۇلار تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە پەيدا بولىدىغان ئىككى خىل قەنتلىك ئاقسىل بولۇپ، بىر خىلى بولسا قان ھۈجەيرىسىنى ئۇيۇتقۇچى ماددا (hemagglutinin HA)، يەنى "H"، يەنە بىر خىل بولسا نېۋرامىدىنازا (NAneuraminidase) بولۇپ، يەنى «N»، H بىلەن Nنىڭ ئاخىرىدىكى سان بۇ خىل ئاقسىلنىڭ ئوخشىمىغان كەنجى گۇرۇپپىسىنى ئىپادىلەپ، ئوخشىمىغان ئانتىگېن تىپىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە نومۇر قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.

سىرتقى يۈزىدىكى ئىككى خىل ئاقسىل (قان ھۈجەيرىسىنى ئۇيۇتقۇچى ماددا، نېۋرامىدىنازا)غا ئاساسەن، H بىلەن N ئوخشىمىغان كەنجى گۇرۇپپىغا بۆلىنىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كەنجى گۇرۇپپىسى بايقالدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى H (قان ھۈجەيرىسىنى ئۇيۇتقۇچى ماددا) نىڭ 1 دىن 18 گىچە بولغان ئون سەككىز خىل كەنجى گۇرۇپپىسى، N (نېۋرامىدىنازا)دا 1دىن 11 گىچە بار. شۇڭا H بىلەن N يەنە ئوخشىمىغان كەنجى گۇرۇپپىلارغا بىرىكەلەيدۇ.

مەسىلەن پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامنىڭ H1N1 بىلەن H3N2تىن ئىبارەت ئىككى خىل كەنجى گۇرۇپپىسى تارقىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل كەنجى گۇرۇپپىدىن باشقا، ئىنسانلار يەنە باشقا تىپ تۈرى ۋە كەنجى گۇرۇپپىلار بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. بۇ قۇش زۇكىمى ۋە چوشقا زۇكىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق ھايۋانلار زۇكىمى ۋىرۇسى ئاساسلىقى قۇشلار ۋە ھايۋانلار ئارىسىدا تارقىلىدۇ، ئادەملەر پەقەت ئالىمادىس يۇقۇملىنىدۇ. كىشىلەر بۇ كېسەللىك ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغاندىن كېيىن، كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭ ئىنسانلار ساغلاملىقىغا بولغان خەتىرى ئىنتايىن زور بولىدۇ.

ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بالىلارغا ئىنگىلىزچە ئىسىم قويۇشقا ئامراق، مەسىلەن Victoria سىستېمىسى، Yamagata سىستېمىسى دېگەندەك، ئۇ ھەر يىلى پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى تارقىتىدۇ ھەم قوزغىتىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ تارقىلىدىغىنى Yamagata سىستىمېىسى.

ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئادەملەرنى يۇقۇملاندۇرۇپلا قالماي، ھايۋانلار ئارىسىدىمۇ مەسىلەن قۇش تۈرى، چوشقا، ئات، تيۇلېن ھەمدە كىت ۋە سۇ بۇلغۇنى قاتارلىقلاردا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇد.

ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدە ئايلىنىدۇ ھەمدە پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشنى پەيدا قىلىدۇ. يېقىنقى سانلىق مەلۇماتلاردا تيۇلېننىڭمۇ يۇقۇملىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

س تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ئىنسانلار ۋە چوشقىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، بىراق يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولىدۇ.

د تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ئاساسلىقى كالىغا تەسىر قىلىدۇ، ئادەمدە كېسەللىك پەيدا قىلامدۇ يوق بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس.

نېمىشقا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ھەر يىلى ئەملەيدۇ؟

تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئاسانلا ئۆزگىرىدۇ، ئاساسلىقى سىرتقى يۈزىدىكى ئاقسىل H بىلەن N (قان ھۈجەيرىسىنى ئۇيۇتقۇچى ماددا، نېۋرامىدىنازا) ئاسانلا ئانتېگىننىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ. ئىلگىرى يۇقۇملانغان ياكى ۋاكسىنا ئەملەنگەن بولسىمۇ، بىراق ۋىرۇسنىڭ غەلىتىلىشىشى ۋە ئانتېگىندا ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىشى يېڭى ئۆزگەرگەن ۋىرۇسقا قارىتا قوغداش رولىنى ئوينىيالمايدۇ. شۇڭا ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كىشىلەر توپىدا يېڭىچە تارقىلىدۇ، شۇڭا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ھەر يىلى ئەملىنىدۇ. 


باش سۈرەت تاللاش x
  • يۈسۈپ 09983 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ،بۇ يىل قەشقەردە تۈزۈك قار ياغمىدى ،قار ياغقان بولسىمۇ زۇككاملار ساققىيىپ كىتەتتى دىسە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号