باش بەت

ئۈمىدجان

448يوللانما
2مەستانە

ھىندونېزىيە مەركىزىي بانكىسى شىفىرلىق پۇلغا يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:36 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 13-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

CNBCنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيە مەركىزىي بانكىسى بىت تەڭگىسى قاتارلىق شىفىرلىق پۇل سودىسى ھەققىدە يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، ئاممىنىڭ بايلىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىنلىكىنى ھەمدە پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھىندونېزىيە مەركىزىي بانكىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، شىفىرلىق پۇلنىڭ قانۇنلۇق ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ھىندونېزىيەدە ھەق تۆلەش ۋاسىتىسى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەزكۇر بانكىنىڭ باياناتچىسى ئاگۇسمان 12-يانۋار كەچ ئېلان قىلغان دوكلاتتا بىلدۈرۈپ: «مەۋھۇم پۇلنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى خەتىرى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى، ئاسانلا ھايانكەشلىك پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى نوپۇزلۇق ئورگان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئورگان باشقۇرغۇچىسى يوق ھەم باھا ئاساسى قىلىدىغان ھېچقانداق ئاساسىي كاپىتالى يوق» دېدى.

ئۇ مەۋھۇم پۇلنىڭ پۇل يۇيۇش ۋە قانۇنسىز ئىشلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى، بارلىق ئامىللار پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر پەيدا قىلىشى ھەمدە جەمئىيەتكە زىيان سېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号