باش بەت

رازى

1810يوللانما
52مەستانە

سېسترا بىمارنى تەكشۈرگەندىكى كۈلكىلىك ھەرىكىتى بىلەن توردىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 00:02 6 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

«پۈۋلەڭ پۈۋلەڭ پۈۋلەڭ پۈۋلەڭ پۈۋلەڭ پۈۋلەڭ پۈۋلەڭ پۈۋلەڭ، ياخشى، كۈچەڭ، يەنىمۇ كۈچەپ پۈۋلەڭ …» بۈگۈن يۇقىرىقى ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇ سېسترا توردىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
ئۇ بىمارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقاندا پۇت قوللىرى جىم تۇرماستىن، ئاستى-ئۈستىگە ئۇياق-بۇياققا مىدىراپ، قارىماققا ناھايىتى غەلىتە كۆرۈنەتتى، ئەمما، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ھېكايە كىشىنى تەسىرلەندۈرەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋىدىئودىكى ئايالنىڭ ئىسمى ۋۇ خوڭ بولۇپ، شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھەرلىك بىرىنچى دوختۇرخانىنىڭ سېستراسى ئىكەن، ۋۇ خوڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىش تەخمىنەن 1-ئاينىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن، ئەمما كونكرېت قايسى بىمارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى تارتقانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ مەلۇم بىر ياشانغان بىمارنىڭ ئۆپكىسىنى تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئىكەن.
ۋۇ خوڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ ئاساسلىقى ياشانغان بىمارلارنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاڭلاش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى چېكىنگەن بولغاچقا، ئۇلارنى ئۆپكە تەكشۈرۈشكە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ھەرىكەتلەر ۋە مەدەت بېرىدىغان سۆزلەر بىلەن يېتەكلەيدىكەن، بۇنداق قىلىشنى ئۇنىڭ ئۇستازى ئۆگەتكەن، ئۆزى يەنە بەزى ھەرىكەتلەرنى قوشۇۋالغان، ئۇ ھەر كۈنى مۇشۇنداق خىزمەت قىلىپ، دائىم ئاۋازى پۈتۈپ قالىدىكەن.

بەزىلەر ۋۇ خوڭنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىنى ئىنتايىن سەت دېيىشتى، ئەمما ۋۇ خوڭ ھەرىكەتلەر گەرچە كۈلكىلىك بولسىمۇ، ئەمما بىمارلارنى توغرا تەكشۈرسە، دوختۇر بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم قىلالىسا، ھەر قانچە كۈلكىلىك بولسىمۇ ئەرزىيدىغانلىقى، بۇنداق سەت بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەمما تورداشلار بۇ سېسترانى «ھەقىقىي ئاق خالاتلىق پەرىشتە، نەدىمۇ سەت بولسۇن» دېيىشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • توپچى3 ئاي ئىلگىرى

    ھەجەپ كۈلكىلىك خۇددى بۇرۇنقى شاڭخەي تىراكتۇرنى ئارغامچا بىلەن تارتىپ ياكى توپا ئتترىش ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇرۇش ئۈچۈن كۈچەپ تانا تارتىۋاتقان كۆرنۈشكە ئوخشايدىكەن،

  • قاتقاق3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ كۆرگەن 2-دوختۇرخانىدا ئاپامنىڭ ئۆپكە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بىرسىسترا مەخسۇس شۇنداق دەپ رىپىرلىق قىلىدىكەن پۈدەڭ پۈدەڭ ياكشى ياكشى

  • نازىخان3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرمەك بەك تەس ،بۇلۇپمۇ ھەممىسى ياشانغانلار ،بۇ تەكشۈرۈشكە ماسلىشىپ بەمەيدۇ ،شۇڭا تەكشۈرگەن خادىملار بىمارنى مۇشۇنداق يىتەكلىمىگەندە تەكشۈرۈش مەخسىتىگە يىتەلمەيدۇ ،بۇ سىستىرا ھەقىقەتەن ئەستايىدىلكەن ،ئۆزى بۇنداق جاپا تارتىشنىڭ ئورنىغا بىمار ماسلىشالمىدى دەپ يېزىپ قويسىمۇ بولاتتى ،بۇ ھەرىكەتلەر سىستىرانىڭ مەسئۇلىيەتچان ئەستايىدىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ ،بۇ دىگەن كەسىپ بۇنىڭغا سەت چىرايلىق دىيىش كەتمەيدۇ

  • ئاينۇرى3 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇ سىسترانىڭ قىغان ھەركتلىرنى سەت دەپ قارايمەن مۇشۇ تەكشۈرۈشنى ئىلىپ بىرش جەريانىدا بىزنى ئەنە شۇنداق يىتكلەيدىكەن مەنمۇ مۇشۇنداق تەكشۈرتكەن

  • kirstiyan3 ئاي ئىلگىرى

    ئىسىل دوختۇر دىگەن مانا مۇشۇنىڭدەك بولسا ئۆزىنى سەت كۈرۈمسىز دىيىىلىشتىن قورۇقماي بىمارنى كۈلدۈرگەن ئاغرىقنى يۇقۇتۇش بىلەن بىرگە بىمارلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن شۇ ئامان بولسۇن

  • qunek3 ئاي ئىلگىرى

    كۈلكىلىك ھەرىكىتى بىلەن بىمارنى تەكشۈرگەن سېستىرا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号