باش بەت

خەندان

1487يوللانما
102مەستانە

«ئالۋاستى تۇتۇش خاتىرىسى2» پۈتۈن رولچىلارنى مۇجەسسەملىگەن تەشۋىق سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى

مەنبە:ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 12:19 1 ئىنكاس چۈشتى

20180114002505897.jpg

زامان تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

 ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىز فىلىمى «ئالۋاستى تۇتۇش خاتىرىسى2»(捉妖记2)نىڭ «ھەر شەھەردە شادلىق، پۈتۈن ئەلدە جەملىك» مەملىكەتلىك كوچا ئويۇنى شېنياڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن، شيامېن قاتارلىق بەش شەھەردە قوزغىتىلىدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭلا «چاغان شادلىقى» تېمىسىدىكى تەشۋىق مۇقاۋا سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، بۇ ھەم تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئارتىسلار جەم بولغان تەشۋىقات سۈرىتى ھېسابلىنىدۇ.

يېڭى تەشۋىق سۈرەتتە، باش رولچىلاردىن لياڭ چاۋۋېي، بەي بەيخې، ياڭ يوۋنىڭ قاتارلىقلار قولىدا پانۇس كۆتۈرۈۋېلىپ تەبەسسۇم ئىلكىدە كۈلۈپ تۇردى. جىڭ بورەن «مەغرۇر» قىياپەتتە يېڭى «ئويۇنچۇق» نى كۆتۈرۈپ تۇردى، لى يۈچۈن مەغرۇر ئاخسا ھالەتتە ئۆزىنى كۆرسەتتى، خۇبا قاقاقلاپ كۈلگەن قىياپەتتە مۇقاۋىدىن ئەڭ ئاستى ياندىن ئورۇن ئالدى.

«ئالۋاستى تۇتۇش خاتىرىسى2» فىلىمىدىكى يېڭى ھېكايىدە، تيەنيىن شياۋگاڭنى ئېلىپ بىرلىكتە دادىسىنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ، يوڭنىڭ كەنتىگە قايتا كەلگەن خۇبا ئالۋاستىلار شاھىنىڭ قوغلاپ ئۆلتۈرۈشىگە دۇچ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەل ئارىسىغا خۇبانى تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە كاتتا ئىنئام بېرىش پەرمانى تارقىلىدۇ، ئالۋاستىلار زور قوشۇنى، ئەرش پالۋانلىرى، پۈتۈن بۈك-باراقسان ئورمانلىق تەۋرەپ كېتىدۇ، بىر مەيدان قانلىق بوران-چاپقۇن كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.....

بۇ فىلىم 2018-يىلى چاغاننىڭ تۇنجى كۈنى يەنى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتە قويۇلىدۇ.

بەي بەيخې

زېڭ جىۋېي

داپېڭ

خۇاڭ لېي

جىڭ بورەن

لى يۈچۈن

لياڭ چاۋۋېي

ليۇۋ يەن

ۋۇ موچوۋ

«ئالۋاستى تۇتۇش خاتىرىسى2» نىڭ تەشۋىق ناخشىسى-خۇبا:

باش سۈرەت تاللاش x
  • مھرئىەلچسى3 ئاي ئىلگىرى

    مەنبۈ كنوغا赵丽疑نڭ چقنشن ئۇمۇت قلمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号