باش بەت

خەندان

780يوللانما
79مەستانە

رۇسىيە تەۋەككۈلچىلىك فىلىمى «ئالەم بوشلۇقىدىكى قۇتقۇزۇش» ئەڭ ئاخىرقى تەشۋىق فىلىمىنى ئېلان قىلدى

مەنبە:ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 08:00 0 ئىنكاس چۈشتى

20180114003848621.jpg

زامان تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە تەۋەككۈلچىلىك فىلىمى «ئالەم بوشلۇقىدىكى قۇتقۇزۇش»(太空救援) ئەڭ ئاخىرقى تەشۋىق فىلىمىنى ئېلان قىلدى، بۇ فىلىمگە كلىم شىپېنكو رېژىسسورلۇق قىلغان، فىلىمدە ۋلادىمىر ۋدوۋىچېنكوۋ، پاۋېل دېرېۋيانكو، ليۇبوۋ ئاكىسيونوۋا، مارىيا مىرونوۋا قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، ئالەم بوشلۇقى تارىخىدىكى مەشھۇر «ساليۇت 7-نومۇر» ۋەقەسىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.

بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئاخىرقى تەشۋىق فىلىمىدە، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى بىپايان كائىنات بوشلۇقى بىر قاراشتىلا ئايان بولدى، فىلىمدىن ئاساسلىق كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق بىلىۋېلىشقا بولىدۇ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ كونتروللۇقىنى يوقاتقاندىكى جىددىي كەيپىيات بىر نەچچە جۈملە دىيالوگ بىلەنلا يارىتىلغان، ئىككى باش رولچىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى خەتەرلىك سەپىرى كىشىنى تەرلەتكۈزمەي قالمايدۇ.

«ئالەم بوشلۇقىدىكى قۇتقۇزۇش» فىلىمىنىڭ ئاخىرقى تەشۋىق فىلىمىدە، باشلىنىشتىكى گۈزەل تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىكى مەنزىرىلەر كىشى قەلبىدە كۈچلۈك تەلپۈنۈش پەيدا قىلىدۇ، بىراق بۇنداق ئىستەك تۇيۇقسىز كەلگەن بىر ئاۋاز بىلەن بەربات بولىدۇ. قومانداننىڭ بايانىدىن تاماشىبىنلار تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىكى «ساليۇت 7-نومۇر» ناملىق ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ كونتروللۇقىنى يوقاتقانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ. ئىنژېنېر ۋىكتور ساۋىنكى ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋىلادىمىر دىزانىبېكوۋ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، بۇيرۇققا بىنائەن ئالەم بوشلۇقىدا ئۇدۇللاپ تۇتاشتۇرۇشنى ئىجرا قىلىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئېغىزىدا بۇ بىر ئىمكانسىز ۋەزىپە.

كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ ئۇ ئىككەيلەننىڭ جىسمانىي ۋە روھىيىتىگە ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، يەر يۈزىدىكى ئالەم بوشلۇقى خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ كەيپىياتى جىددىيلىشىپ چىرايىدا قان قالمايدۇ، ھەتتا غەزەپلەنگىنىدىن ئەينەكلەرنى چېقىۋېتىدۇ. «بىز ئىككەيلەن قايتالمايدىغان بولدۇق» تىن ئىبارەت سەھنە سۆزى كىشىنى جىددىيلەشتۈرۈپ پۈتۈن بەدەنگە تىترەك ئۇلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كىنو مەستانىلىرىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنى غىدىقلايدۇ، شۇنداقلا قىل ئۈستىدىكى شۈركىنىشلىك سەپەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، «ئالەم بوشلۇقىدىكى قۇتقۇزۇش» فىلىمى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇڭگودا قويۇلۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

تەشۋىق فىلىمىدىن ئارىيە:

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号