باش بەت

خەندان

780يوللانما
79مەستانە

IMAX ئىجادىي ھۆججەتلىك فىلىم «مۈشۈكئېيىقلار» دەسلەپكى تەشۋىق فىلىمىنى ئېلان قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 14:04 0 ئىنكاس چۈشتى

20180114013410812.jpg

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

IMAX تا ئىشلىگەن ئىجادىي ھۆججەتلىك فىلىم «مۈشۈكئېيىقلار»(熊猫们) دەسلەپكى تەشۋىق فىلىمىنى ئېلان قىلدى، تەشۋىق فىلىمدە ئوماق مۈشۈكئېيىقلارنى «ياۋايىلاشتۇرۇپ قويۇپ بېرىش» جەريانى خاتىرىلەنگەن، جۇڭگو چېڭدۇدىكى مۈشۈكئېيىق بېقىش بازىسىدا ئالىملار قۇرامىغا يەتكەن مۈشۈكئېيىقلارنى كۆپەيتىپ، بالىلىرىنى كەڭ دالىغا قويۇپ بېرىدۇ.

بۇ فىلىم قايناق ھېسسىياتقا تولغان بىر تەتقىقاتچىنى مەركىزى نۇقتا قىلغان بولۇپ، ئۇ يېڭى تېخنىكا ئىجاد قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى ئىلھام ئامېرىكا يېڭى خامپىشىر شىتاتى يېزىلىرىدىكى قارا ئېيىق پىلانىدىن كەلگەن. بۇ فىلىمدە دۆلەت ئاتلاپ كەلگەن بىر ئامېرىكىلىق بىيولوگ، بىر ئىچكى موڭغۇللۇق ئالىم ۋە قوتاندا بېقىپ ئەي قىلىنغان ئىنتايىن قىزىققاق چىشى مۈشۈكئېيىق بالىسى «چىڭچىڭ» تەسۋىرلىنىپ، دۆلەت ھالقىغان ھەمكارلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، مۈشۈكئېيىقلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.

بۇ فىلىم IMAX كامېرادا سۈرەتكە ئېلىنغان، پۈتۈن مۇساپىدە چىڭچىڭنىڭ يېڭى سەپىرى سىنغا تۇتۇلغان. ئۇ قوغدىلىدىغان قونالغۇغا بارىدۇ، ئاندىن سىچۈەن تاغلىق رايونىغا كىرىپ، ھايۋانلارنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىدۇ شۇنداقلا نامەلۇم يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ.

بۇ فىلىمگە دېيۋىد دوگلاس بىلەن درېۋ فېلمېن رېژىسسورلۇق قىلغان، فېلمېن سىنارىيە يېزىش ھەم فىلىم ئىشلەشكە مەسئۇل بولغان، دوگلاس شۇنىڭ بىلەن بىرگە فوتوگرافىيە يېتەكچىسى بولغان. ئۇندىن باشقا Donald Kushner بىلەن Steve Ransohoff فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان، Li Gen Xiong&Elie Samaha فىلىم ئىشلەشنى ئىجرا قىلغان. نىل ئالېن توردا فىلىم ئىشلەشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

بۇ فىلىم 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا IMAX ۋە IMAX3D كىنوخانىلىرىدا قويۇلىدۇ.

تەشۋىق فىلىمى:

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号