باش بەت

خەندان

1501يوللانما
102مەستانە

2018-يىلى بوللىۋودتا نامايەن بولىدىغان ئوخشاش بولمىغان سەككىز ھەقىقىي رول

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 10:38 6 ئىنكاس چۈشتى

20180114092936508.jpg

1. ئامىتاب باچچان بىلەن ئامىر خاننىڭ «ھىندىستانلىق قاراقچى»(Thugs Of Hindostan) فىلىمىدە تىركىشىشى. بۇ ھىندىستان كىنوچىلىق تارىخىدىكى زور كۆلەملىك ھەرىكەتلىك ئۇرۇش كۆرۈنۈشى سۈرەتكە ئېلىنغان فىلىم، رېئال تۇرمۇشتىكى رولنى ئوينايدۇ. بۇ ئەزەلدىن ھەمكارلىشىپ باقمىغان تالانتلىق چولپانلار ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش. بۇ فىلىم 2018-يىلىدىكى كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان چوڭ تىپتىكى ھەرىكەتلىك فىلىم. بۇ فىلىم 11-ئاينىڭ 7-كۈنى قويۇلىدۇ.

2. ئامىر خان «Mahabharat»(ماھابارات) فىلىمىدە ئارجۇنا رولىنى ئالىدۇ. شۇنداق بۇ دەلىللەنگەن ئۇچۇر، ئامىر خان ھازىر يېڭى فىلىمى «Mahabharat»(ماھابارات) تىكى ئارجۇنانىڭ رولىنى ئېلىشقا تەييارلىقنى باشلىۋەتتى، ئۇنىڭ تەييارلىقنى باشلىشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەممەيلەنگەن ئايان، ئۇ ھەر كۈنى سەھەردە ھىندىستاننىڭ داڭلىق داستانى «Mahabharat»(ماھابارات)بىلەن «Bhagavat Gita» نى كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ فىلىمى چوقۇم زور غۇلغۇلا قوزغايدۇ، قويۇلۇش ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىدى.

3. ناۋازۇدىن سىددىق (Nawazuddin Siddiqui) باش رول ئالىدىغان فىلىم «Manto». ئوردۇ رېژىسسور ۋە سىنارىست فىلىمدە زوراۋانلىق ۋە قانلىق توقۇنۇشنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى ۋىجدانىمىز تىترىگۈدەك قىلىپ تەسۋىرلىدى. بۇ قېتىم ناۋازۇدىنغا بىر قاتار قاراڭغۇ فىلىملەردە داشقال رول ئېلىشتىن قەھرىمان رولىنى ئېلىش پۇرسىتى كەلدى. ئۇ ناندىتا داسنىڭ تەرجىمىھال خاراكتېرلىك يېڭى فىلىمى «Manto» دا مانتونىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ، بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى ھازىرچە بېكىتىلمىدى.

4. ئابشېك باچچان باش رول ئالىدىغان يېڭى فىلىم «Sahir Ludhianvi». ئابشېكقا نىسبەتەن لىرىك شائىر ساھىر لۇدىيانۋىنىڭ تەرجىمىھال خاراكتېرلىك فىلىمىدە باش رول ئېلىش يېڭى بىر باشلىنىش. ساھىر لۇدىيانۋىنىڭ «جەمئىيەتنىڭ سىياسىي ئويغىنىشى» ھىندىستانلىقلار ئۈچۈن بىباھا نەسىھەت. سانجاي لىلا بانسالى بۇ فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولىدۇ. ئۇ بۇ فىلىمىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاھىدە كىنو كۈچى بارلىققا كەلتۈرىدىغانغا ئەھدە قىلدى. بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىدى.

5.ئاكشاي كۇمار Arunachalam Muruganantham نىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئاكشاي بۇ قېتىم ئالغا ئىنتىلىش روھى كۈچلۈك بولغان بىر ئادەمنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ، ئۇ تازىلىق قەغىزىنى كەشىپ قىلغان، ئاكشاي كۇمار ئۇنىڭ تالانتى ۋە ھېسداشلىقىنىڭ جەمئىيەتتىكى پاسسىپلىقلارغا قارىتا زەھەر قايتۇرۇش رولى بولغان بىر ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك رولنى ئالىدۇ. بۇ فىلىم 1-ئاينىڭ 26-كۈنى قويۇلىدۇ.

6. رانبىر كاپۇر «Sanjay Dutt» فىلىمىدە باش رول ئالىدۇ. رانبىر كاپۇر بۇ يېڭى فىلىمىدە سانجاي دۇتنىڭ گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش-تۈرۈشلىرىنى دورامدۇ؟ يەنىلا بۇ رولنى ئۇ ئۆزى چۈشەندۈرۈپ بەرسۇن، بۇ كۆپچىلىكنىڭ سانجاي دۇتنىڭ تەرجىمىھال خاراكتېرلىك فىلىمىنى تەقەززالىق ئىلكىدە كۈتۈشىدىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى. بۇ فىلىمگە سانجاي دۇتنىڭ يېقىن دوستى راجكۇمار ھىرانى رېژىسسورلۇق قىلىدۇ. بۇ فىلىم بۇ يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنى قويۇلىدۇ.

7.كانگانا رانائۇت «Manikarnika: The Queen Of Jhansi» فىلىمىدە باش رول ئالىدۇ. نۇرغۇن ئايال ئاكتىيورلار ئايال پادىشاھ جانسىنىڭ رولىنى ئېلىشنى سىناپ باققان بولسىمۇ، بىراق ھەممىسى دېگۈدەك مەغلۇپ بولغان. خېلى ئۇزۇندىن بېرى، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى فىلىم ئىشلەشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، كانگانا رانائۇتنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى پالۋان كەبى ئايال پادىشاھنىڭ ئوبرازىنى يارقىن ئىپادىلەپ تەنقىدچى ئوبزورچىلارنىڭ زۇۋانىنى تۇۋاقلىيالارمۇ؟ بۇ يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى فىلىم قويۇلغاندا ھەممىسى بىراقلا ئايدىڭلىشىدۇ.

8. دىپىكا پادۇكونى باش رول ئالغان فىلىم «Padmavati». بۇ فىلىم نۇرغۇن نىزالار سەۋەبىدىن ۋاقتىدا قويۇلالمىدى، بىز يەنىلا بۇ فىلىم 1-ئاينىڭ 25-كۈنى قويۇلالامدۇ-يوق؟ تەقەززالىق ئىلكىدە كۈتىمىز ھەم كۆزىتىمىز!

باش سۈرەت تاللاش x
  • غېرىب3 ئاي ئىلگىرى

    دىل نۇرداش رەھمەت ،راسلا بۇنچە تېز ئارلىقتا كىلە دىمىگەنىدىم،ئەمسە بولغۇدەك،پات ئارىدا كۆرەلىگۇدەكمىز!

  • del3 ئاي ئىلگىرى

    غىرىب نۇرداش بۇ فىلىم قويۇلسا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۇچ ئايدىلا بىز بىلەن يۇز كۆرشۇپ بولىدۇ ، بەش يىلدىن ئون يىل دەپ ئاشۇرۋەتتىڭىز ؟ ھازىر قايسى زامان

  • del3 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخاننىڭ فىلىمىنىڭ زور غۇلغۇلا قوزغايدىغىنى ئېنىق ...

  • غېرىب3 ئاي ئىلگىرى

    11ئاي دەيدىغۇ،ئو تېخى بىزگە يەنە بۇ فىلىملەر ئون يىلدىن بەش يىلغىچە ئاران كەلگۇدەك،

  • 特别爱3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ كىنولارنى تەقەززالىق بىلەن ساقلايمەن.

  • gulkiz3 ئاي ئىلگىرى

    تورداشلا ئەڭ تۈپدىكى ئادەمنىڭ يەنى ئامتاب باچچاننىڭ بۇرۇن ئىشلىگەن،سىلسىلا،دىگەن كىنوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى نىمە يۇكۇدا بارمۇ نىم دەپ باسساق چىقدۇ دەپ بىرىڭلا ئۈتنۈپ قالاي ،يەنى ئامتاپ باچچان رىيكا ۋە جايا باچچان رول ئالغان فىلىمكەن ئۈچ بۇرجەك مۇھاببەت سۆزلىندىغان ئامتاب بىلەن جايا ۋە رىيكانىڭ ئەملى تۇرمۇشنى ئىكرانغا ئېلىپ چىققان بىلەن ئوخشاشكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号