بېيجىڭ ۋاقتى تورى 12-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
11-يانۋار كەچتە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياڭجۇ شەھىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى تولۇق ھەرىكەتلىنىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرنى تۇيۇقسىز تەكشۈردى. بۇ جەرياندا بىر ئەر تەكشۈرۈلگەندە ھەر 100 مىللىلېتىر قېنىدىكى ئىسپىرتنىڭ مىقدارى 550 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كېتىپ ياڭجۇنىڭ يىللىق «مەستلىك شاھى» بولۇپ قالدى.
11-يانۋار كەچ سائەت 8:40لار ئەتراپىدا ياڭجۇ شەھىرى زاۋخېگاڭ رايونىدا كېتىۋاتقان، خېنەننىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان چىرۈي ماركىلىق ئاپتوموبىل ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇ ۋاقىتتا چىرۈي ۋەنفۇ غەربىي يولىدا غەربكە قاراپ ماڭغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ساقچىلار ئاپتوموبىلدىكى ئىككى ئەرنى دەرھال پەسكە چۈشۈشكە بۇيرۇدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلاردىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ كەتتى.
تەكشۈرۈشتە شوپۇرنىڭ ھەر 100 مىللىلېتىر قېنىدىكى ئىسپىرتنىڭ مىقدارى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ئۆلچىمىدىن ئالتە ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ كەتكەنلىكى بايقىلىپ تەكشۈرگۈچنى پارتلىتىۋەتكىلى قىل قالدى. ساقچىلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى ھەم ئۇ ئەرنى يەنە بىر قېتىم سىناشقا بۇيرۇۋىدى، ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەر ئامالسىز يېرىم جىڭ ئاق ھاراق ئىچكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
كېيىن بۇ ئەر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قېنى تەكشۈرتۈلمەكچى بولدى. بىراق، ساقچىلار پىكاپنى يۆتكىمەكچى بولغاندا تورمۇزنىڭ ئاساسەن ئىشلىمەيدىغانلىقى ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتتى.