باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى كۇكتىن iPhone مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 10:50 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كېڭەش پالاتاسى سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالما شىركىتىدىن iPhoneنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، ھازىر يەنە ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى تۆت نەپەر  ئەزاسىمۇ مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە كۇكقا خەت ئەۋەتكەن. ئىگىلىنىشچە، ئاۋال پالاتاسى ئېنىرگىيە ۋە سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى گرېگ ۋالدېن (Greg Walden) ئالمىغا خەت يازغانلارنىڭ بىرى ئىكەن. 

ئەپسۇسلىنارلىقى خەتنىڭ مەزمۇنى تېخى ئاشكارىلانمىدى، ئەمما ئۇنىڭ كۇكقا يېزىلغانلىقىنى ھەمدە كۇكنىڭ ئالمىنىڭ كونا نۇسخىدىكى iPhoneلارنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. 

ئالما باتارىيە ئالماشتۇرۇپ بېرىش ئىشىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر ئاز بولغاندا ئىككى قېتىم iPhone پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. شىۋېتسىيەدىن باشقا ئىسپانىيەدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلدى. ئەمما پارتىلاشنىڭ كونكرېت سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. 

ئالما شىركىتىنىڭ كۆلىمى چوڭ، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا، قانۇن تۇرغۇزغۇچىلار ئۇنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ مەسىلىلەرگىمۇ ھەيران قېلىش كەتمەيدۇ. ئەمما ئالما بۇ تەلەپلەر ئۈچۈنلا ئارتۇقچە ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号