باش بەت

zevmret

281يوللانما
15مەستانە

نۇرغۇن كىشىلەر بىر تال تاماكا چەككەنلىك سەۋەبلىك بەڭگە بولۇپ قالغان

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 11:59 2 ئىنكاس چۈشتى


شىنخۇا تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە لوندون ئايال پادىشاھ مارىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچتىن ئىككى قىسىم كىشى بىر تال تاماكا چەككەنلىك سەۋەبلىك ھەر كۈنى تاماكا چېكىدىغان بەڭگە بولۇپ قالغان..

تەتقىقاتچىلارنىڭ «يەر شارى ساغلاملىق سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ئامبىرى»دىن سەككىز خىل تەتقىقاتنىڭ سانلىق مەلۇماتنى ئېلىپ تەھلىل قىلغان، 2000-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 215 مىڭ ئادەمگە چېتىلىدۇ. تەھلىل نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەكشۈرۈش ئوبيېكتىدا %60.3 ئادەم تاماكا چېكىشنى سىناپ كۆرگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ئادەملەر ئارىسىدىكى %68.9 ئادەم ھەر كۈنى تاماكا چېكىدىغان بەڭگىگە ئۆزگەرگەن.

ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى پىروفېسسور پېتېر خاجېكنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تۇنجى قېتىم شۇنچە زور سانلىق مەلۇمات بويىچە «بىرىنچى قېتىم تاماكا چېكىشنى سىناپ كۆرۈش» بىلەن دائىم تاماكا چەككۈچىلەردىن بولۇپ قېلىش ئارىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى قوللايدىغان خاتىرە ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ئەنگىلىيە «نىكوتىن ۋە تاماكا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئىلمى ماقالە ئېلان قىلىپ، گەرچە تەتقىقاتقا چېتىلىدىغان سانلىق مەلۇمات يېتەرلىك تولۇق بولمىسىمۇ، لېكىن تەتقىقات نەتىجىسى يەنىلا «تاماكىدىن نېرى تۇرۇش»نىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئىزدىنىش8011 ھەپتە ئىلگىرى

    ماۋۇ تېمىغا مېنى قىستۇرۇپ قويۇڭلار. ھاھاھا. قىزىقچىلىقتا بىر تال چېكىپ ھازىرغىچە چېكىۋاتىمەن. تەخمىنەن 18 يىل بوپتۇ. ئەمدى تاشلاشقا تىرىشمىسام بوممىدى.

  • سەھەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن قوللايمەن ،تاماكا دوراشتىن ھاراق زورلاشتىن ،دەيدىغان گەپلەرمۇ بار باللا ،سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراڭلار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号