باش بەت

نۇسرەتگۈل

8991يوللانما
149مەستانە

كاۋىنى كۆپ يەۋەتكەن ئايالنىڭ تېرىسى سارغىيىپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 12:19 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كاۋىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى مول. مۇۋاپىق يەپ بەرسە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق، كۆپ يەۋەتسە تېرىنى سارغايتىپ قويۇشى مۇمكىن. يېقىندا، تەيجۇلۇق گاۋ خانىم مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقتى.

تەيجۇ شەھەرلىك 4-دوختۇرخانىنىڭ تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن گاۋ خانىمنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسىلى بار ئىكەن. ئالدىنقى مەزگىللەردە ئۇ كاۋىنىڭ ئاشقازانغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قېلىپ ئۈزۈلدۈرمەي خېلى كۆپ كاۋا يەپ بولغان. بىراق، يېقىندا ئويلىمىغان يەردىن تېرىسى سارغىيىپ قالغانلىقىنى بايقىغان.

تەيجۇ شەھەرلىك 4-دوختۇرخانا تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جۇ ئەيجېن: «ئۇنىڭ كۆز ئېقى سارغايماپتۇ، تېرىسىلا سېرىقكەن، جىگەر ۋە بۆرىكىدىمۇ مەسىلە يوقكەن. ئۇ 10-ئايدىن باشلاپ بىر ھەپتىدە تۆت قېتىم كاۋا يېگەنلىكىنى ئېيتتى» دېدى.

دوختۇر تونۇشتۇرۇپ: «ئۇنىڭ تېرىسى سېرىق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب ئاساسلىقى كاۋىنى كۆپ يەۋەتكەنلىكى. كاۋىنى ئاساسلىق يېمەكلىك قاتارىدا يېگەندە قوبۇل قىلىنىدىغان β-كاروتېننىڭ مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ. β-كاروتېن بەدەنگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ۋىتامىن A ھاسىل قىلىپ تېرىنىڭ سارغىيىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېدى.

جۇ ئەيجېن يەنە: « ۋىتامىن A ياخشى نەرسە. ئۇ تېرە ھۈجەيرىمىزنىڭ نورمال يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغاندىن باشقا، يەنە كۆرۈش تور پەردىمىزنىڭ نېرۋىلىرىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق، ئۇ مايدا ئېرىيدىغان بولغاچقا كۆپ يەۋەتسە بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەي تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇۋېتىش، سارغايتىۋېتىش دېگەندەك ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ» دېدى.

كاۋىنى كۆپ يەۋېتىپ تېرە سارغىيىپ كەتكەندە كاۋا يېيىشنى دەرھال توختاتقاندىن باشقا، يەنە كاروتېن تەركىبى بار باشقا يېمەكلىكلەرنىمۇ ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا تېرە ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىر تامچە قان1 ھەپتە ئىلگىرى

    راكنى تولا يەپ راك كىسىلى بۇلۇپ قاپتۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号