باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

ھىندىستانلىقلارنىڭ پويىز بىلەن ئىشقا بېرىپ-كېلىشىنىڭ ئۆزى بىر «جەڭ»

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 12:08 4 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بومباينىڭ شەھەر رايونىدا 25 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇس بار ئىكەن، ھەر كۈنى پويىز بىلەن ئىشقا بېرىپ-كېلىدىغان ئادەم سانى سەككىز مىليونغا يېقىنلىشىدىكەن. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى 29 ياشلىق ئېنژىنېر تىۋارى ھىندىستان خەلقىنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ ئىشقا بېرىش-كېلىش جەريانىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. بۇ سۈرەتلەر تورغا يوللانغاندىن كېيىن كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پويىز بېكەتكە كىرمەي تۇرۇپلا يولۇچىلار پويىزغا چىقىشقا تەييارلىنىپ بولغان، پويىزنىڭ سۈرئىتى ئاستىلىغاندىن كېيىن كەلكۈندەك ئېتىلىپ بېرىپ ۋاگون ئىشىكىنى تۇتۇۋېلىپ قويۇۋەتمىگەن، پويىز رەسمىي توختىغاندىن كېيىن چۈشىدىغان يولۇچىلارمۇ بىر قېتىملىق «كەسكىن كۈرەش» ئارقىلىق ئاندىن پەسكە چۈشەلىگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، گەرچە بىر پويىزغا ئارانلا 1700دەك يولۇچى سالغىلى بولسىمۇ، ئەمما يولۇچى كۆپ ۋاقىتلاردا 5000غا يېقىن يولۇچى پويىزغا چىقىشنى ساقلايدىكەن. تىۋارى ئۆزىنىڭ بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنىڭ ئالدى بىلەن قارشى يۆنىلىشلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ ئاخىرقى بېكەتكە بېرىش ياكى پويىز يېقىنلاشقاندا سۇپىنى بويلاپ يۈگۈرۈپ ئىشىكنى چىڭ تۇتۇۋالغاندىن كېيىن پويىزغا سەكرەپ چىقىۋېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىراق، سۇپىدا قىستىلىشىپ تۇرۇش ۋە پويىزنى قوغلاشنىڭ ھەر ئىككىلىسى ناھايىتى خەتەرلىك. سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندا ھەر يىلى ئاز دېگەندەك 3000 ئادەم ئىشقا بېرىش-كېلىش جەريانىدا تاساددىپىي ۋەقەگە يولۇقىدىكەن. بىراق، شەھەر-يېزا پەرقى چوڭ، نوپۇسنىڭ كۆپ قىسىمى چوڭ شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن بولغاچقا قاتناش ئەسلىھەلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى بۇ مەسىلىدىن ۋاقتىنچە ساقلانغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • miras1191 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ نىم پويىز بولغىيتتى؟دۆلىتىمىزنىڭ پويىزلىرىنىڭ تۆپىگە چىسا بىردەمدە توك سوقۇپ كاۋاپ قىپ قويىدۇ

  • ئابلىز 09031 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ سەل مۇبالىغىمۇ قانداق

  • (سەبىي)AM1997091 ھەپتە ئىلگىرى

    ھىندىستانلىقلار ئوچۇق رەڭلىك كىيىمگە ئامراقلىقىدا، ئادەم كۆپ جايلاردا رەڭگارەك ھەسەن ھۈسەندەك كۆرۈنۈپ كىتدىكەن ئارتىۋالغان كىيىملىرى

  • توغراق،شاھى1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇ ئالامان ئىچىدە ، ئاياللار بار ھە.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号