باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

تايلاندلىق يىگىت ماي تۇڭىنى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلغا ئايلاندۇردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 13:45 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاپتوموبىل سېتىۋالدىڭىزمۇ؟ ناۋادا تېخى سېتىۋالمىغان بولسىڭىز ئۆزىڭىز بىرنى ياسىۋېلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇنىڭ ئانچە تەس يېرى يوق. يېقىندا، تايلاندلىق بىر يىگىت ئاپتوموبىل ياسىدى...

تايلاند ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئاپتوموبىلنى ۋاتچاراپوڭ پاپخان (Wataphong Phaphan) ئىجاد قىلغان بولۇپ، گەرچە پۈتكىنىگە خېلى ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما سۈرىتى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە تېخى يېقىندا كۆپلەپ تارقىتىلغان. 

پاپخان بىر ئاپتوموبىل ھەۋەسكارى. ئۇنىڭ قول سېلىش ئىشلەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاندىن باشقا، يەنە ماشىنىسازلىق تېخنىكىسىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

بۇ سۈرەتتىكىسى ئۇ يېڭىلا ياسىغان «ماي تۇڭى ئاپتوموبىل».

بۇ ئاپتوموبىل قارىماققا بەكلا ئاددىي كۆرۈنىدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئالدىرىماڭ. ئۇنى سىرلاپ قويسا شۇ ھامان باشقىچە تۈسكە كىرىدۇ.

ئاپتوموبىل ئەمدى سەھرا پۇرىقى كۈچلۈك ھەم يېڭى بولۇپ كەتتى.

ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىدىكى سېۋەتنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟ بۇنىڭغا كۆكتات سالسىمۇ، بالىلارنى ئولتۇرغۇزۇۋالسىمۇ بولىدۇ.

ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل دېگەن نېمە؟ دۇنيا بويىچە بىردىنبىر بۇ ئاپتوموبىلنى ھەقىقىي ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل دېيىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاپتوموبىل ئازراقمۇ ئورۇن ئىگىلىمەيدۇ، قەيەرگە توختاتقۇڭىز بولسا شۇ يەردە توختاتسىڭىز بولىدۇ.

پاپخان يېقىندا بۇ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يېزىغا سەيلە قىلغىلى بارغانلىقى، دېھقانلار بەكلا ھەۋەس قىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقانلار ئاپتوموبىلنىڭ تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلىپ ئارقا-ئارقىدىن زاكاس قىلدى، بەزىلەر تېخى ئالدىنئالا پۇل تۆلىۋەتتى.

بىراق، بۇ ئاپتوموبىلنى شەھەرگە ھەيدەپ كىرگىلى بولامدۇ؟ قاتناش تارماقلىرى قوشۇلامدۇ؟

شۇڭا خۇشال ياشايمەن دېسىڭىز بۇ ئاپتوموبىلنى يەنىلا يېزىدا ھەيدىگىنىڭىز ياخشى.

بۇنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دەرھال بىرنى بۇيرۇتۇڭ ياكى ئۆزىڭىز ياساپ بېقىڭ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • دەقېيانۇس3 ئاي ئىلگىرى

    بىزدىن بۇنداق كىشى كۆپ چىققان ھەم چىقىدۇ بىراق چىقسا بىز غاجاپ چىشلەپ ئارام بەمەيمىز

  • توغراق،شاھى3 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى مەزمونكەن يەنە بىر قەدەم ئاددىلاشتوروپ ياغاچ ھارۋىغا ئۆزگەرتسە ،ئىشەك ياكى ئات كالا قاتىمىز شەھەرگە كىىشمو ھاجەتسىز .يېزىنىڭ ھەرقاندا يېردە ئىشلىتىشكە بولودو.

  • +++3 ئاي ئىلگىرى

    يوۋ بۇ تايلاندلىق كالسى بىر ئىشلەپ قاپتۇ بىز نىڭ ئارمىزدىن بۇنداق كىشلەر چىقمىقى بەك تەسلىشىپ كىتباردۇ

  • ئۈنسىز يىغا3 ئاي ئىلگىرى

    ئالدىغان كىچىك بالىنى سېلىپ قويۇپ بوۋشەنگاڭ قىلماقچىمكىنا

  • خىيالىي3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ بىرنى بۇيرۇتقۇم كىلۋاتىدۇ

  • بۇيرۇق3 ئاي ئىلگىرى

    ئالامەت كەشپىياتكەن سەن دىگەن بىر تالانت ئگىسى ئۆزەڭنىڭ ئالىم ئكەنلىكىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号