باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

زاكىربېرگنىڭ بىر قارارى ئۇنى بىر كۈندىلا 21 مىليارد 300 مىليون زىيان تارتقۇزدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 13:19 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، زاكىربېرگ 11-يانۋار فېيسبۇك ئابۇنتلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى يوللىغان يازمىلارنى ئۇچۇر ئېقىمىغا قويۇپ، مەھسۇلات ئېلانلىرىنى ئاساس قىلغان مەزمۇنلار ئازايتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، ئۇ بۇنىڭ بىلەن خېلى كۆپ زىيان تارتتى. 13-يانۋار بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسى تورى شىركىتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ ساپ بايلىقىنىڭ 12-يانۋار ئۈچ مىليارد 300 ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 21 مىليارد 300 مىليون يۈەن) ئازلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

12-يانۋار ۋال كوچىسى بازىرى يېپىلغاندىن كېيىن فېيسبۇكنىڭ پېيىنىڭ باھاسى %4.5 چۈشۈپ كەتتى.

زاكىربېرگنىڭ بايلىقى ئەسلىدە 77 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتەتتى. بىراق، بىر كۈندىن كېيىنلا 74 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ئىسپانىيەلىك پارچە سېتىش مىلياردېرى ئامانسىيو ئورتېگانىڭ (Amancio Ortega) ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، دۇنيا بايلىرى قاتارىدا 4-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

زاكىربېرگ 11-يانۋار شىركىتىنىڭ تەۋسىيە خەۋەر سۈزگۈچىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى، دوستلىرى ۋە ئائىلىدىكىلەر ھەمبەھرلىگەن مەزمۇنلارنى ئالدىن ئويلىشىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نەشرىيات سودىگەرلىرى ۋە مەھسۇلات ئېلانلىرىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بىراق، بۇ قارار ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ پاي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. پىۋوتال تەتقىقات گۇرۇھى (Pivotal Research Group) نېلسون رەقەملىك ئىستېمال نىسبىتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق زاكىربېرگ بۇ قارارنى جاكارلاشتىن ئىلگىرىلا فېيسبۇكنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قاسىم قوشۇق1 ھەپتە ئىلگىرى

    سودا دىگەن شۇنداق نەرسە پايدىمۇ با زىيانمۇ با

  • ئۇچقۇ فىزىكا پەن - تېىخنىكىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ زىيان ئۇنىڭغا تېىخمۇ كۇپ پايدا ئېلىپ كىلىدۇ كىيىن

  • بۇيرۇق1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەجەپ ئوبدان بوپتۇ خۇش بولدۇم زىيان تارتماي باي بولغىلى بولماس كاللاڭنى ئشلەت كالۋا ئادەم ،

  • قايدا سەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە دىگەن شۇ،،، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ھەممە قارارى توغرا بۇلۇشى ناتايىن،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号