باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

Waymoنىڭ شوپۇرسىز ئاپتوموبىلى لوس ئانجىلىسقا قايتىپ كەلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 13:10 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Googleنىڭ ئانا شىركىتى Alphabet قارمىقىدىكى شوپۇرسىز ئاپتوموبىل تارمىقى Waymoنىڭ سىناق ئاپتوموبىلى يېقىندا لوس ئانجىلىس كوچىلىرىدا سىناق قىلىندى. بۇرۇن كىشىلەر باشقا بۇ ئاپتوموبىلنى باشقا شەھەردە كۆرگەن، مەسىلەن: گۇگولنىڭ باش ئىشتابى جايلاشقان كالفورنىيە تاغ مەنزىرىسى شەھىرى، تېكساس ئىشتاتىدىكى ئائۇستىن، ۋاشىنگتوندىكى Kirkland، ئارىزونادىكى سۇمۇرۇغ شەھىرى ۋە مىچگان ئىشتاتىدىكى دېترويىت. TechCrunch تورغا يوللىغاندىن سۈرەتلەردىن بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا رەت ئىشىكىگە Waymo Logo چاپلانغان كوزۇپلۇق ساياھەت ئاپتوموبىلى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، لوس ئانجىلىس بۇ ئاپتوموبىل 2009-يىلى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىنغان جاي ھېسابلىنىدۇ. 

پەرەزگە ئاساسلانغاندا، Waymoنىڭ لوس ئانجىلىسقا قايتا كېلىشىنى كۆپ خىل ئامىللار بەلگىلىگەن. Waymo قىستاڭچىلىق ئېغىر شەھەرلەردە يولۇقىدىن مەسىلىلەردىن باشقا، يەنە نوپۇس كۆپ ئەمەس، مەھەللىسى كىچىك رايونلاردا شوپۇرسىز ئاپتوموبىل سىناق قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 

بەلكىم بۇ شىركەت ھەممىباب قاتارلىق كارخانىلارنىڭ رىقابەت بېسىمىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ھەممىباب 2019-يىلى رولى ۋە پېدالى يوق شوپۇرسىز ئاپتوموبىل چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 

Waymoنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ شىركەت پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 24 شەھەردە ئاپتوموبىل سىناق قىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىللارنى ئوخشىمىغان مۇھىت، ھاۋارايى ۋە يول ئەھۋالىدا يول يۈرۈپ يولغا ماسلاشتۇرۇشنى نىشانلىغان. 

Waymo لوس ئانجىلىستا شوپۇرسىز ئاپتوموبىلىنىڭ قويۇق ئىس-تۈتەك، يانباغر ۋە ھەيدىگۈچىلەر، پىيادىلەر ۋە قارام شوپۇر قاتارلىق مۇھىتتىكى ئىپادىسىنى سىناق قىلىدۇ. 

بۇلتۇر بۇ شىركەت ئارىزونا ئىشتاتىدىكى يولدا «بىخەتەرلىككە مەسئۇل شوپۇر سەپلەنگەنمىگەن» شوپۇرسىز ئاپتوموبىلىنى سىناق قىلغان. كەلگۈسى بىرقانچە ھەپتىدە دەسلەپكى زاكاز قىلغۇچىلار (Early Rider تۈرى)غا بۇ خىل ئاپتوموبىللارغا قارىتا كىرا ئاپتوموبىلى چاقىرىش مۇلازىمىتىنى ئېچىۋېتىدۇ. 

بۇ تۈرنىڭ قايسى شەھەرلەرگە كېڭىيىدىغانلىقىغا كەلسەك، ھازىرچە بۇ شىركەت ئېنىق بىرنېمە دېمىدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号