باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

788يوللانما
15مەستانە

دائىم بوزەك قىلىنىدىغان ئورۇق يىگىت ئىككى يىل چېنىقىپ قاۋۇل يىگىتكە ئايلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 16:40 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھىندىستان تاراتقۇسىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاندىكى ئاشۋىن ئىلگىرى بىر ئورۇق يىگىت بولۇپ، ئۇ ئىلېكتىرونلۇق ئويۇنغا خۇمار بولغانلىقتىن ھەر كۈنى ئۆيدىن چىقماي نەچچە سائەتلەپ، بەزى ھاللاردا ھەتتا كېچىچە كومپېيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ توختىماي ئويۇن ئوينايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ساغلام بولمىغانلىقتىن، ئاشۋىننىڭ تېنى ئىنتايىن ئاجىز ئىدى.

شۇنداق بولغاچقا ئاشۋىن دائىم دېگۈدەك باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ تۇراتتى، بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاشۋىن بىر چېنىقىش كۇلۇبىغا ئەزا بولۇپ كىردى، ئۇ ئۆزىنىڭ رونالدونىڭ بەدىنىگە تولىمۇ ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى رونالدونىڭ بەدىنى قاۋۇل بولغاچقا توپ مەيدانىدىكى ئىنكاسىمۇ تېز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دەسلەپتە ئاشۋىن ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن چېنىقىشقا قاتناشتى، لېكىن شەكىل ۋە ئۇسۇلغا، يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەنھەرىكەتنىڭ ئىلمىي سىستېمىسىغا دىققەت قىلمىدى، كېيىن توردا نۇرغۇن بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرىنېرلىرىنىڭ ۋىدىيوسى ۋە دەرسلىكىلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى خاتا قىلغانلىقىنى بايقىدى.

كېيىن ئاشۋىن ئىلمىي ئوزۇقلىنىش لايىھەسىگە ئەمەل قىلىپ، ساغلام يېمەكلىكلەرنى يەپ ئاقسىل قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىلمىي ئۇسۇلدا چېنىقىشقا باشلىدى.

مانا مۇشۇنداق ئىككى يىل بوشاشماي چېنىققاندىن كېيىن، ھازىر ئاشۋىن دەرۋەقە رونالدونىڭكىگە ئوخشاش قاۋۇل بەدەنگە ئىگە بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ داۋاملىق مۇشۇ ھالەتتە چېنىقىشتا چىڭ تۇرۇپ ئاندىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • miras1191 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنىڭغا خېلى غەيرەت،ئىزچىللىق بولمىسا ئاسان ئەمەسكەن.ئىشقىلىپ نۇرغۇن قېتىم مەغلۇپ بولدۇم....

  • توپچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    قارا ماۋۇ ئاۋاق گۇينىڭ يامانلىقىنى كۆزگە ئلمىغان پۇتقا چوماق دىگەن شۇ ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号