تېڭشۈن تورى 13-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاۋسترالىيە ABC ئاخبارات تورىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەنىڭ تاسمانىيە ئارىلىدىكى كىشىلەر يازدا «تاغ پويىزى»غا ئوخشاش ئالاھىدە ھاۋارايىغا يولۇققان. ئالتە كۈن ئىلگىرى تاسمانىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 35 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ئىدى. بىراق، شۇ يەر ۋاقتى 12-يانۋار تاسمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا مۆلدۈر يېغىپ كەتتى، كىشىلەر يازدىن تۇيۇقسىزلا كۈزگە كىرىپ قېلىپ دەرھال قىشلىق كىيىملىرىنى كىيىۋالدى.
تاسمانىيەدىكى مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئاۋسترالىيەدە ياز پەسلىدە مۆلدۈر يېغىشىنى «بەكلا بىنورمال» دەپ قارىدى. مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىكى دەببىي تەبور (Debbie Tabor): «مۆلدۈر بەكلا تۇيۇقسىز ياغدى. تاسمانىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي يېرىمىدا گۈلدۈرمامىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. نۆۋەتتە، شەرقىي شىمالدىكى رايونلاردىمۇ مۇشۇنداق ھاۋارايى كۆرۈلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى جايلاردا مۆلدۈر ياغدى. بۇ گەرچە ئۆتكۈنچى ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما كۈچلۈك بوران-چاپقۇنغا يېقىنلىشىدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر يامغۇر يېغىش سەۋەبلىك كۆرۈنۈش ئارىلىقى قىسقىراپ كېتىدىغانلىقى، ئوتتۇرا شىمالىي قىسىم، شەرقىي شىمالىي قىسىم ۋە شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىدا كۈچلۈك گۈلدۈرمامىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، يوللارنىڭ ئەھۋالى بەكلا خەتەرلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.