باش بەت

جۇشقۇنجان

3607يوللانما
8مەستانە

شارپ بىلەن JDI شىركىتى ئالمىغا OLED ئېكرانى تەمىنلەش شىركىتىگە ئايلىنىشقا تىرىشماقتا

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 13:50 1 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 13-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەيۋەن تاراتقۇسى DigiTimes نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل سامسۇڭ ۋە LG شىركىتىدىن باشقا تېخىمۇ كۆپ OLED ئېكرانى شىركەتلىرى ئالمىنىڭ OLED ئېكران بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە ئايلىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىكەن. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى سەۋەبىدىن، سامسۇڭ شىركىتى 2017-يىلى iPhone Xنى OLED ئېكرانى بىلەن تەمىنلىگەن بىردىنبىر شىركەتكە ئايلانغان. ئالمىنىڭ مال بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە ئايلىنىش ئۈچۈن، LG Display شىركىتىمۇ ئاللىقاچان نەچچە مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ OLED ئېكران زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتكەن، LG Display شىركىتى سالغان مەبلەغ ئاخىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن، خەۋەر قىلىنىشىچە، LG شىركىتى بۇ يىلقى يېڭى iPhoneنى OLED ئېكران بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە ئايلانغان. بۇ يىل ئالما شىركىتى ئىككى خىل ئۆلچەمدىكى OLED ئېكرانلىق ئايفون ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ھالدا 5.8 دىيۇملۇق ۋە 6.5 دىيۇملۇق ئايفوندىن ئىبارەت. LG شىركىتى بەلكىم ئالمىنى 6.5 دىيۇملۇق OLED ئېكرانى بىلەن تەمىنلىشى، سامسۇڭ شىركىتى بولسا داۋاملىق تۈردە 5.8 دىيۇملۇق OLED ئېكران بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.

  

نۆۋەتتە، باشقا شىركەتلەرمۇ ئالمىنىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان OLED ئېكرانى بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە ئايلىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. فۇشىكاڭنىڭ تارماق شىركىتى شارپتىن باشقا، JDI شىركىتىمۇ ئالمىنىڭ مال بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. شارپ شىركىتى بىلەن JDI شىركىتى بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدىن باشلاپ OLED ئېكرانىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان، شارپ شىركىتى يەنە 2018-يىلى ئۆزىنىڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك بايراقدار يانفونىغا OLED ئېكرانى ئىشلىتىشنى پىلانلىغان.

بەزى خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون شىركەتلىرى ئالما بىلەن OLED ئېكرانىنى تالاشمايدىكەن، بەلكى ئۇلار mini LED ئېكرانى ئىشلىتىشنى تاللىغان. نۆۋەتتە خۇاۋېي شىركىتى، Oppo شىركىتى ۋە شياۋمى شىركىتى تەيۋەندىكى مال بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا mini LED ئېكرانى سەپلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى چىقىرىشنى پىلانلىغان.


باش سۈرەت تاللاش x
  • +++3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنداق بولساOLED ئىكران ئەرزانلىشىدىكەندە سامسۇڭنىڭ پاي باھاسى چۇشكۇدەك ئەمسە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号