باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

788يوللانما
15مەستانە

ھامىلدار ئايالنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن رەسمىيەت بېجىرمەي بىر خالتا قان بەرگەن سېستىرا جازالاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 16:16 14 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە خان جەمەتى بىلاكبۇرىن دوختۇرخانىسىنىڭ بىر سېستىراسى بىر ھامىلدار ئايالنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، رەسمىيەت بېجىرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بىر خالتا قان ئېلىپ بۇ ھامىلدار ئايالغا سېلىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان، لېكىن بۇ سېستىرا دوختۇرخانىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

ئالدىنقا ئايدا لېئونا خارىس دوختۇرخانا تەرىپىدىن جازالىنىپ، ئەگەر دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشنى قوبۇل قىلمىسا دوختۇرخانىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كېلىشى چەكلەنگەن. ئالدىنقى ھەپتە دوختۇرخانا مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن ئىككى قېتىم ئىنتىزام ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز يانۋاردا خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. بۇلتۇر فېۋرالدا ئۇ رەسمىيەتلەرنى ئادا قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا جىددىي بىر خالتا قان يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئەمدىلا بۇ دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېلىنىپ تېخى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدىن چۈشۈرۈلمىگەن ھامىلدار ئايالنى قۇتقۇزۇۋالغان. بۇ ئەسلىدە ماختاشقا تېگىشلىك ئىش بولسىمۇ لېكىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان.

ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ ئىش تاراتقۇلارنىڭ كەڭ تۈردە دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، لېئونا خارىس ئەينى ۋاقىتتا قۇتقۇزۇۋالغان بىمارمۇ بۇ خەۋەرنى كۆرگەن ھەمدە تاراتقۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئايال مۇنداق دېگەن: «دوختۇرخانىنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ ئىچىم ئىنتايىن ئاچچىق بولدى، ئەگەر لېئونا خارىس دوختۇرخانا ئۈستىدىن شىكايەت قىلسا، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن گەپ قىلىمەن، ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى قۇتقۇزۇۋالدى، ئۇنىڭ مېنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر خالتا قان ئېلىپ كېلىپ ماڭا سالغىنى ئۈچۈن شۇنچە ئېغىر بەدەل تۆلىگىنىگە ئىشىنىشكە جەرئەت قىلالمىدىم.». سىزنىڭچە دوختۇرخانا بۇ سېستىرانى جازالىسا ھەقلىقمۇ؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • muzart18 سائەت ئىلگىرى

    قائىدە بىر ئادەمنىڭ ئەمەس نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۈزىلىدۇ، سىستىرانىڭمۇ دۇختۇرخانىڭمۇ قىلغىنى توغرا

  • بايشەم5 كۈن ئىلگىرى

    دوختورخانا توغرا قېپتۇ قانداق تېپلېق قان ئۇ ماس كېلەمدۇ كەلمەمدۇ بۇنې تەكشۇرۇپ ئاندېن سېلېش كېرەكتە بۇنې ياخشې كوڭلې بېلەن قېپتۇ ئەمما جان بېلەن ئويناشقېلې بولمايدۇ ئۇ ئادەم ئولوپ قالسا مەسئۇلېيەت دوختورخانېغا ئارتېلېدۇ

  • ياركەنت5 كۈن ئىلگىرى

    دوختۇرخانا مەسئۇليىتىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ نىمە قانداقلا بولمىسۇن جاننى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ

  • ئەفىيفە6 كۈن ئىلگىرى

    مەيلى قانداقلا بولسۇن بىر جاننى قۇتقۇزۇپ خىزمىتىدىن ئايرىلسا ئەرزىيدۇ خىزمەتنى تاپالايدۇ بىراق جان تېپىلمايدۇ مۇشۇنداق ياخسى نىيەت بىلەن قىلىنغان ئش قارا بوپ كەتتى دە قاراپ تۇرۇپ

  • ن****ۇ6 كۈن ئىلگىرى

    ئەگەر مۇشۇ ئىش دوختۇرخانا باشلىقنىڭ بىشىغا كەپ قىلىپ قالغان بولسىچۇ
    ئادەم ھاياتى ھەممىدىن مۇھىم قائىدە دىگەننئئمۇ ئادەم تۈزىدۇ قۇتقۇشدىغاننى قۇتقۇزغان دىكى ئۇنچە قىپ كەيمىسمۇ بولاتتى

  • گۈلدۈرماما6 كۈن ئىلگىرى

    قانداق قان ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە يەتكۈزۈپ بەگەندۇ

  • miras1196 كۈن ئىلگىرى

    گەرچە ئادەم قۇتقۇزغان بولسىمۇ ،دوختۇرخانىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولمىغانكەن،چوقۇم جازالىنىشى كېرەك.لېكىن ئىشنىڭ خاراكتىرى ياخشى بولغاندىكىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرسىلا كۇپايە بولاتتىكەن.....

  • ئېلىجان 139996 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە بۇنىمۇ ئانچە يامان ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھەر قانداق ئۇرۇننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدىسى بۇلىدۇ،

  • ...............6 كۈن ئىلگىرى

    گەرچە جاننى قۇتقۇزۋالغان بولسىمۇ، رەسمىيەت ئۆتىمىگەنلىكى خاتا،

  • بەختىم6 كۈن ئىلگىرى

    شۇقائدە-ئادەمنىڭ ھاياتلىقدىنما مۇھممۇ؟شۇقائدلەمۇئادەم مەنپەتى ئۇچۇنغۇ؟ئادەم قۇتلۇپ بولغاندارەسمىيەتنى تۇلۇقلاپ بىجىرسە بولدۇغۇ!ھەممىسى ئەمەس بەزەن دوختۇرھەم دوختۇرخانلاردائازراق مەسلەبازادى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号