باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

ئوڭايسىز قۇچاقلاش، كۈچەپ قول ئېلىشىش، قۇلاق سوزۇشقا ئامراق زۇڭلى مودى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 16:18 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 13-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نوپۇسى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتنىڭ زۇڭلىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 67 ياشلىق نارېندرا مودىنىڭ (Narendra Modi) تەسىر كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ خىل «تەسىر كۈچ» ئۇنىڭغا تىرەك بولۇپ تۇرغان دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ تاراتقۇلار ھەۋەس بىلەن خەۋەر قىلىدىغان دىپلوماتىيە قائىدە-يوسۇن ئادىتى--«ئوڭايسىز قۇچاقلاش»تىن كەلگەن. سىياسىي ئەربابلاردىن تارتىپ سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەر، ھەتتا بالىلارمۇ ئۇنىڭ بۇ «ئىززەت-ئىكرامى»دىن ھوزۇرلىنالايدۇ.

2017-يىلى 6-ئايدا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئامېرىكىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولدى. شۇ ۋاقىتتا تىرامپ مودىنىڭ تۇيۇقسىز قۇچاقلىشىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى.

مودى ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوبامانىمۇ قۇچاقلاپ قويماقچى بولدى. بىراق، ئوباما ئانچە خالىمىغاندەك قىلىدۇ.

مودى يەنە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونغىمۇ «ئوڭايسىز قۇچاقلاش»تىن بىرنى سوۋغا قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ھوللاندىمۇ شۇنداق «ئاقىۋەت»كە يولۇقتى.

مودىنىڭ ئاۋسترالىيە سابىق زۇڭلىسى تونىي ئەببوتنى قۇچاقلىشى خېلى ئوڭۇشلۇق بولدى.

فەيسبۇكنىڭ قۇرغۇچىسى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زاكىربېرگ مودىنىڭ قۇچاقلىشىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.

مودى ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون كېررىينىمۇ ئوڭايسىز قالدۇردى.

 مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنا نىيېتو مودىنىڭ «ئوڭايسىز قۇچاقلىشى»دىن مۇداپىيەلىنىشكە ئامالسىز قالدى.

مودى مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىب بىلەنمۇ «ئوڭايسىز قۇچاقلاشتى».

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن قارىماققا ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قۇچاقلاپ قويغاندەك قىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ قۇچاقلىشىشى ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولغان، ئارقىدىن تېخى قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلغان.

مودى باشقىلارنى «ئوڭايسىز قۇچاقلاش»تىن باشقا يەنە، قول ئېلىشىشتىمۇ خېلى كۈچەپ قويىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەنگلىيە شاھزادىسى ۋىليامنىڭ تەسىراتى خېلى چوڭقۇر.

مودى يەنە بالىلارنىڭ قۇلىقىغا بەك ئامراق.

مودى كانادا زۇڭلىسى تىرۇدو بىلەن كۆرۈشكەندە «ئوڭايسىز قۇچاقلاش»نى قۇلاقنى سوزۇشقا ئۆزگەرتتى.

مودىنىڭ بۇ بالىنىڭ قۇلىقىنى تارتقاندا قانچىلىك كۈچىگەنلىكى نامەلۇم.

بوۋىسىنىڭ يېقىنچىلىق قىلىشى قارا تەنلىك كىچىك دوستنى بەكلا خۇش قىلىۋەتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • MغەمكىنM1 ھەپتە ئىلگىرى

    تازا كۇلۇپ تىمەن قۇچاقلاشتىن بىرنى سوغا قىلدى

  • شاپ بۇرۇت1 ھەپتە ئىلگىرى

    غەلىتە خۇيى بار گۇيكىنا

  • خولوپ ئاش1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنڭچە بەك دوستانە ئادەمكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号