تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە شەرقىي ساسسەكىس (East Sussex) ناھىيەسىدىكى جاستىن بارسولومېۋ (Justin Bartholomew) ئىسىملىك ئەر نىكاھ تۇرمۇشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئېغىر دەرىجىدە چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن، ئۇ ھەر كۈنى ھاراق ۋە ئېنېرگىيەلىك ئىچىملىك (يەنە قۇۋۋەت ئىچىملىكى، مەسىلەن قىزىل كالا ئىچىملىكى، مەيدۇڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ-تەھرىر) ئارقىلىق ئۆزىنى مەستخۇش قىلىپ يۈرگەن، نەتىجىدە ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆز جېنىدىن ئايرىلىپ قالغان.
جاستىننىڭ دادىسى بۇ يىل 64 ياشتا بولۇپ، ئۇ ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلغا ئالغاندا ئازابلانغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «جاستىن كۈنىگە 15 قۇتا فۇنكسىيەلىك ئىچىملىك ئىچىدىغان بولۇپ قالغانىدى، مەن ئۇنىڭغا سەن بۇ خىل ئىچىملىكلەردىن قول ئۈزۈشۈڭ لازىم دېگەنىدىم. لېكىن ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئىچىملىكلەردىن قول ئۈزەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خۇددى تاماكا تاشلاشقا ئوخشاش قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئوغلۇم ھايات ۋاقتىدا فۇنكسىيەلىك ئىچىملىك ئىچىشكە خۇمار بولۇپ قالغانىدى، ھەر بىر قۇتا فۇنكسىيەلىك ئىچىملىك تەركىبىدە 160 مىللىگىرام كاففىيىن (يەنە قەھۋە تەركىبى) بار بولۇپ، بۇنىڭغا ئوغلۇمنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ 8-ئايدا ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى».
مۇشۇ ھەپتىدە، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى مارىيە كالفىيىلد پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن بۇ 25 ياشلىق يىگىتنى تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «جاستىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە 15 قۇتا يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئىچىملىك ئىچكەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىدىكى تەشۋىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ». جاستىننىڭ دادىسى «قۇياش گېزىتى» گە مۇنداق دېگەن: «ئوغلۇمنىڭ كۈنىگە زور مىقداردا قۇۋۋەت ئىچىملىكى ئىچىشى ئۇنىڭدىكى خامۇشلۇق كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. قۇۋۋەت ئىچىملىكى ئادەتتە قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشاش بولۇپ،بۇ خىل ئىچىملىكتە زور مىقداردا قەنت ۋە كاففىين تەركىبى بولغاچقا، ئۇ بىر تەرەپتىن ئادەمنى روھلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ».
جاستىن ئايالىدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن قاتتىق ئازابلىنىپ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. جاستىن بىلەن ئايالىنىڭ توي قىلغىنىغا ئۈچ ئاي بولغان بولۇپ، ئۇ ئايالىدىن ئاجراشقاندىن كېيىن ئۆزى يالغۇز ياشاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئازابلىق ئەسلىمىدىن قايتىپ چىقالمىغان. جاستىننىڭ دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە، جاستىن ناھايىتى سەزگۈر بالا بولغاچقا، نىكاھتىن ئاجرىشىش ئۇنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرۈۋەتكەنىكەن. ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، جاستىن ئۆزىنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ تۇنجى خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، لېكىن ئۇ كېسەل سەۋەبلىك بالنىستتا يېتىپ قالغاندىن كېيىن قۇۋۋەت ئىچىملىكىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان، ئۇ كۈنىگە 15 قۇتا قۇۋۋەت ئىچىملىكى ئىچىپ خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىن دائىم ئۇخلىيالمايدىغان شۇنداقلا يۈرىكى سىقىلىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالغان. دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ يۈرەك رېتىمىنىڭ 80 ياشلىق بوۋايلارنىڭ يۈرەك رېتىمىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ئۇ يەنىلا دوختۇرلارنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماي كۈندۈزى قۇۋۋەت ئىچىملىكى ئىچسە، كېچىسى ھاراق ئىچىپ يۈرۈۋەرگەن، مانا مۇشۇنداق يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىش تەسىرىدە ئەڭ ئاخىرى ئۆلۈۋالغان.
1234567890a3 ئاي ئىلگىرى
بەك ئەپسۇزلاندىم
ياشارمەن3 ئاي ئىلگىرى
رەڭلىك ئىچىملىكلەرنى ئويلىشىپ بېقىپ ئىچىش كىرەككەن،
ئۈمۈت3 ئاي ئىلگىرى
ئايالىنى بەكلا ياخشى كۆردىكەنتۇق بۇبالا، ھەي ،،،،،
阿卜杜外力3 ئاي ئىلگىرى
ساڭا ئېچىنىۋاتىمەن…………
ئەمما پەقەت تەقدىرىمىزنىڭ ئوخشىماي قالغىنى پەقەت تېخى مىنىڭ ئۆلمىگىنىم ئىكەن قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەينەكتىكى ئەكسىمىزگە ئوخشاشلا ھەي مىنىڭمۇ بېشىمغا چىقارمۇ بۇ خامۇشلۇق