باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

6.5 ديۇملۇق OLED ئېكرانلىق iPhone X Plus يانفونى ئاشكارىلاندى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 16:01 2 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

iPhone X ئېلان قىلىنغىنىغا گەرچە ئىككى-ئۈچ ئاي ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، 2018-يىللىق يېڭى iPhone ھەققىدىكى پەرەزلەر ئۈزۈلمەي تارقىلىشقا باشلىدى. تورداشلارمۇ بۇ يىل ئېلان قىلىنىدىغان ئۈچ خىل يېڭى iPhone ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى پات-پات ئاشكارىلاپ تۇردى. 2018-يىلى ئالمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئالمىنىڭ بۇ يىل بىراقلا ئۈچ خىل يانفون چىقىرىشى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندى.

ئىگىلىنىشچە، 2018-يىلى ئالما ئۈچ خىل ئەڭ يېڭى iPhone ئېلان قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەرزان باھالىق iPhone Xغا 6.1 ديۇملۇق ئېكران سەپلىنىدىغان بولۇپ، 2017-يىللىق iPhone Xدىن چوڭراق، ئەمما LCD ئېكران ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا باھاسى تۆۋەن بولىدۇ. بۈگۈن iPhone Xنىڭ Plus نۇسخىسىمۇ توردا ئاشكارىلاندى. بۇ يېڭى يانفون 6.5 ديۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن iPhone X Plus.

ئىگىلىنىشچە، iPhone X Plusقا iPhone Xقا ئوخشاپ كېتىدىغان لايىھە، يەنى «ماڭلىيى» بار پۈتۈن ئېكرانلىق لايىھە ئىشلىتىلگەن. بۇ يانفونغا LG تەمىنلىگەن OLED ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، تەمىنلەش مىقدارى تەخمىنەن بىر مىليون 500 مىڭ پارچە. 

ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭ ۋە LGدىن باشقا شارپ، JDIلارمۇ ئالمىنىڭ OLED ئېكرانىنىڭ تەمىنلىگۈچىسى بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. iPhone Xنىڭ ئەرزان باھالىق نۇسخىسى ۋە iPhone X Plusقا ئىشلىتىلىدىغان 6.1 ديۇملۇق ۋە 6.5 ديۇملۇق ئېكراننىڭ بازار ئېھتىياجى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئالما بولسا تەمىنلىگۈچىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، شۇڭا بۇ كارخانىلارنىڭ 2018-يىلى يېڭى iPhoneنىڭ تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلىنىش-ئايلىنالماسلىقى ئۇلارغا نىسبەتەنمۇ بىر خىل ئېتىراپ قىلىنىش ھېسابلىنىدۇ.  

باش سۈرەت تاللاش x
  • تاگور ئەپەندى1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ دىگەن پەرەز تىخى قاسقاندىن چىققان يىرى يوققۇ

  • ئېسىل09981 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۆزگەرتىپ ياسىسا يا ئەگمە ئىكران سەپلىسە بوممامدۇ دەيمە قوتا پۇچۇق ئىكراننى ئىشلىتىۋەگىچە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号