باش بەت

نىجات

265يوللانما
29مەستانە

قەدىمكى چالغۇ ئەسۋابقا مەپتۇن بولۇپ قالغان بوۋاي تاغقا ماكانلىشىپ چالغۇ ئەسۋابى ياسىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 17:38 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

چېڭدۇ ئۆلكىسى لوڭچۈەنيى رايونىدىكى بىر تاغىنىڭ ئۈستىدە «چالغۇلار ئارامگاھى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك ئۆي بولۇپ، بۇ ئۆيدە ياڭ گۇاڭ ئىسىملىك 66 ياشلىق بىر بوۋاي ئەتىدىن كەچكىچە ناھايىتى ئالدىراش يۈرۈيدۇ. بۇ بوۋاي قەدىمكى چالغۇ-ئەسۋابلارنى تەتقىق قىلغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولۇپ، ئۇ مۇشۇ ماكاندا دۇنيادىكى ئەڭ يېقىملىق چېلىندىغان چالغۇنى ياساپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 

ياڭ گۇاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، 10 ياش ۋاقىتلىرىدا بامبۇكتىن پايدىلىنىپ «ئېرخۇ» ياساپ باققان ئىكەن. ئۇ 40 ياش ۋاقتىدا تېلېۋىزوردىن قەدىمكى چالغۇلارنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالغان، ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ قەدىمكى چالغۇلارنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان. ئۇنىڭ «چالغۇ ياساش ئۆيى»دە تۈرلۈك-تۈمەن چالغۇلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. 

چالغۇ ياساشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ماتېرىيال تاللاش بولۇپ، ياغاچ ماتېرىياللىرى نەچچە يۈز يىللىق دەرەخلەردىن تاللىنىدۇ. ئەمما ھازىر بۇنداق ياغاچ ماتېرىياللىرىنى ناھايىتى تەس. ياڭ گۇاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس قەدىمكى ياغاچ ماتېرىيالى تېپىش ئۇسۇلى بار بولۇپ، ئۇ يېرىم كېچىدە ئىدىشتىن پايدىلىنىپ تەبىئەتتىن كەلگەن ئاۋاز ئۆزگىرىشىنى ئاڭلىيالايدىكەن. ئاندىن مۇشۇ ئاۋازلارنىڭ تۈرتكىسىدە تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابلارنى لايىھەلەيدىكەن. 

يەتتە يىللىق كۆزىتىش ۋە قايتا-قايتا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىن كېيىن، ئۇ ئەنئەنىۋى چالغۇ ياساش ئۇسلۇبىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالتە خىل ئاۋازلىق قالۇننى ياساپ چىقتى. ئۇنىڭ ئايالى ئۇنى قوللايدىغان بولۇپ، بوۋاي ھەر قېتىم يېڭى چالغۇ ياسىغاندا ئۇنىڭ ئۈچۈن خوشال بولاتتى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号