باش بەت

نىجات

262يوللانما
29مەستانە

ئۈلۈپ كەتكەن ئايالى ئولتۇرغان چاقلىق ئورۇندۇقنى نەگە بارسا يېنىدىن ئايرىمايدىغان بوۋاي

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 18:32 0 ئىنكاس چۈشتى


بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: 

2018-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چېڭدۇ. 91 ياشلىق چېن گۇاڭگو دوختۇرخانىدا ئاسما ئوكۇل ئاستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ھاسىسىغا كۈچەپ تايىنىپ ئورۇندۇقتىن تەستە ئۆرە تۇردى ئۇ كېسەل كارىۋىتىنىڭ يېنىدىكى بۇلۇڭدا قاتلاپ قويۇلغان «مېيىپلار ھارۋىسى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىتتىرىپ ماڭدى. ئۇ ھارۋىنى بىرنەچچە قېتىم بۇرىماقچى بولۇپ بۇرالمىدى... ئۇ ئېغىر گەۋدىسى بىلەن ھارۋىنى ئاستا ئىتتىرىپ سىرتقا چىقماقچى بولدى. ئۇنىڭ كەڭ پاختىلىق چاپىنى ماڭغاندا تامغا سۈركىلىپ، «شىر-شىر» ئاۋاز چىقىراتتى. بۇ كۈنى بولسا چېن گۇاڭگونىڭ دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنى ئىدى. 

ئەسلىدە بۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئۇنىڭ ئايالى ئولتۇراتتى، ئۇ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا ئايالى شۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايتتى. ئەمما ھازىر قۇپقۇرۇق چاقلىق ئورۇندۇققا قارىسلا كۆڭلى بەكلا يېرىم بولىدۇ. بىر يىل ئىلگىرى بوۋاي ياتقان ئاشۇ دوختۇرخانىدا موماي بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ چېن گۇاڭگو مەيلى نەگىلا بارسۇن چاقلىق ئورۇندۇقنى يېنىدىن ئايرىمايدىغان بولدى. ئۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا موماينىڭ «ھىدى» بار بولۇپ، چاقلىق ئورۇندۇقنى كۆرگەندە تەبىئىيلا موماينى كۆرگەندە خوش بولۇپ قالاتتى. ئەمما چېن بوۋاي ھازىر ھەمراھىنى ئەسلىگىنىدە قاتتىق ھەسرەتكە چۆمىدۇ. 

سۈرەتتە: چېن بوۋاي تېلېفوندا سۆزلەشمەكتە. 

سۈرەتتە: چېن بوۋاي. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号