باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11651يوللانما
956مەستانە

ئاددىي تىككۈچىدىن كاتتا شىركەتنىڭ غوجايىنىغا ئايلانغان ھىندىستانلىق ئەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 17:19 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇبىرامانىيا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا قۇرۇلۇش شىركىتىدە ئىشلىگەن بولۇپ، ھەر ئايدا ئارانلا 1800 رۇپىيە (تەخمىنەن 183 يۈەنگە باراۋەر) كىرىم قىلىپ، بەزىدە تېخى تويغۇدەكمۇ تاماق يېيەلمىگەن.

سۇبىرامانىيا 18 ياشقا توشقاندىن كېيىن، بومبايغا بېرىپ، چوڭ شەھەردە خىزمەت پۇرسىتى ئىزدىدى. ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ ئىشلىگەن خىزمىتى تىككۈچىلىك بولۇپ، بىراق مائاشى يەنىلا تۆۋەن ئىدى. كېيىن ئۇ دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ، غوجايىنىدىن ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىپ يەنە تېخى مال ئوبوروتىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى چۈشەندى.

مال ئوبوروت كەسپىدە ئۆزگىرىش بولغاندا، سۇبىرامانىيا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، غوجايىنىدىن پۇل قەرز ئېلىپ ئالتە توننىلىق يۈك ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارىلاشتى. سۇبىرامانىيا ھەرۋاقىت مالنى دەل ۋاقىتىدا تاپشۇرغاچقا، تېخىمۇ كۆپ خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

ئىشەنچ ۋە ماركا سۈپىتى سۇبىرامانىيانى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاستا-ئاستا كىچىك تىجارىتىمۇ چوڭ كۆلەملىك شىركەتكە ئايلىنىپ، كۆپلىگەن مال زاكاز توختامىنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر ئۇلارنىڭ شىركىتىدىكى يۈك ماشىنىسى يۈزگە يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، سۇبىرامانىيامۇ چوڭ شىركەتنىڭ غوجايىنىغا ئايلاندى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مىرسىدىس1 ھەپتە ئىلگىرى

    ترىشچان،نىمىكەن،غەلبە،مۇشتاقلارغا،مەنسۇپ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号