باش بەت

نىجات

262يوللانما
28مەستانە

بوۋاقلار ھارۋىسى ئىتتىرىپ پوسۇلكا ئوغرىلايدىغان ئايال قانۇن تورىغا چۈشتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 17:37 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

يېقىندا چېڭدۇ شۇاڭجىڭ يولىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا كىشىلەرنىڭ پوسۇلكىسى ئارقا-ئارقىدىن يوقاپ كەتكەن. بۇ ۋەقە شۇ ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ناھايىتى بىئارام قىلغان. خەلق ساقچىلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە دائىم بوۋاقلار ھارۋىسى ئىتتىرىپ ماڭىدىغان ياش ئايالنىڭ بۇ دېلوغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى تېزلا ئېنىقلانغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ «پوسۇلكا ئوغرىلاش دېلوسى»دىكى سىرمۇ يېشىلگەن. 

دېلودىكى بۇ «پوسۇلكا ئوغرىسى» چىش كولىغۇچتىن تارتىپ خۇرۇم چاپانغىچە ھەممىنى ئوغرىلىغان بولۇپ، يەرلىك خەلق ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تەكشۈرگەندە ئىنتايىن ھەيران قالغان. ئۇنىڭ بىر ياتاقلىق بىر مېھمانخانىلىق بۇ ئۆيى پۈتۈنلەي ئوغرىلاپ كەلگەن پوسۇلكا بىلەن تولغان بولۇپ، خەلق ساقچىلىرى مۇنداق دېدى: «ئاياغ ئىشكاپى ئىچىدىكى ئاياغلاردىن تارتىپ ئۈستەلدىكى ئىستاكانلارغىچە ھەممىسى باشقىلارنىڭ پوسۇلكىسى بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ پېچىتى بۇزۇلمىغان، بەزىلىرىنىڭ پېچىتى بۇزۇلۇپ ئاللىقاچان ئىشلىتىۋەتكەن.»  

1-ئاينىڭ 3-كۈنى تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى خادىم گو ۋېن ناھايىتى جىلە بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەتكۈزگەن پوسۇلكىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم يۈتۈپ كېتىشى ئىدى. قائىدە بويىچە تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى خادىملار تېز يوللانما يەتكۈزگەندە تېز يوللانما تاپشۇرۇۋالغۇچى ئۆيىدە بولمىسا، ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ ياكى ئۇچۇر يېزىپ قويۇپلا تېز يوللانمىنى ئولتۇراق رايوننىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى تېز يوللانما تاپشۇرۇۋېلىش ئورنىغا قويۇپ قوياتتى. ئىگىسىمۇ كەچتە ئۆيىگە قايتىدىغان ۋاقىتتا بۇ جايدىن ئېلىۋالاتتى. «2017-يىلى11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ مەن يەتكۈزگەن تېز يوللانما توختىماي ئوغرىلىنىشقا باشلىدى، بۈگۈن يەنە مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك شىركەتتىن 100 يۈەن مائاشىم تۇتۇپ قېلىندى.» گو ۋىن شۇ ئاچچىقىدا فۇنەن ساقچىخانىسىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلغان. 

خەلق ساقچىلىرى بىرنەچچە كۈنى توختىماي تەكشۈرگەندىن كېيىن، 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن كېيىن، بۇ ئولتۇراق رايونىدا 10 نەچچە پوسۇلكىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك بۇ رايوندا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر قاتتىق جىددىيلىشىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. 

كامېرانىڭ خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش ھەمدە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئاغزاكى يىپ ئۇچىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، خەلق ساقچىلىرى «پوسۇلكا ئوغرىلاشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان» جىنايەت گۇماندارىنى بېكىتتى ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆيىدە كۆپلىگەن پۇسۇلكىلارنى بايقىدى. 

بىر نەچچە يىل بۇرۇن 28 ياشلىق زىگۇڭلۇق گوڭ جىيې ئېرىغا ئەگىشىپ چېڭدۇغا ئىشلەمچىلىككە كەلگەن. 2017-يىلى ئۇلارنىڭ چېڭدۇغا كەلگىنىگە ئەمدىلا بىر يىل بولغان ئىدى. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا يەڭگىپ بولۇپ ئائىلىدە كۈتۈنۈۋاتاتتى. ئۇ ۋاقىتتا ئائىلىنىڭ پۈتكۈل ئىقتىسادىي بېسىمى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ سېتىش دەرسىگە مەسئۇل ئېرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەچكە، ئىلگىرى توردىن مال سېتىۋېلىپ كۆنۈپ قالغان گوڭ جىيېدا ھازىر مال سېتىۋالغۇدەك پۇلمۇ قالمىغان ئىدى. ئەمما ئۇ ئاران دېگەندە ئايدا بىرەر قېتىم پوسۇلكا تاپشۇرۇۋالاتتى. 

بىرىنچى قېتىمقى «پوسۇلكا  ئوغرىلاش ھەرىكىتى» ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. چۈنكى بۇ چاغدا ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىۋەنى ئۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى. بىرنەچچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنى ھېچكىممۇ ئىزدەپ كەلمىدى. بۇنىڭدىن كۆڭلى تىنغان گوڭ جىيې پوسۇلكىنى ئاچتى، بۇ تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىدى. بۇ ئىشتىن قاتتىق ھاياجانلانغان گوڭ جىيې بۇ ئىشتىن ئۆزىنى تارتالمىدى...

ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە گوڭ جىيېنىڭ ئاياللارنىڭ كۆينىكى، ئاياللارنىڭ پەلتوسى، يوتقان كىرلىكى، يانفون قېپى، قول قەغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى پوسۇلكا ئىچىدىن ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. سوراش جەريانىدا  گوڭ جىيې ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى يېڭى باشلىغان چېغىدا قولايلىق بولسۇن دەپ كىچىك پوسۇلكىلارنى ئوغرىلىغانلىقىنى، بارغانچە يۈرىكى يوغىناپ، بارغانچە چوڭ ھەم قىممەتنى تاللاپ ئالغانلىقىنى ئىقرار قىلدى. خەلق ساقچىلىرى مۇنداق دېدى: «بۇ پوسۇلكىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىممەت نەرسىلەردىن بىرى 1000 يۈەنلىك ئايالچە پەلتولارمۇ بار ئىكەن...». 

ئولتۇراق رايوننىڭ كۆزىتىش كامېراسىنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى چەكلىك بولۇپ، ئەمما ھەر قېتىم دېلو سادىر بولغىنىدا يىپ ئۇچىنى تاپقىلى بولىدۇ. خەلق ساقچىلىرى شۇ ئولتۇراق رايوندىكى كۆزىتىش كامېراسىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئولتۇراق رايونى ۋە ئۇنىڭ ئىشىكى ئەتراپىدا بالىلار ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ئەگىپ يۈرىدىغان گوڭ جىيېنى بايقىغان. 

بېشىدىكى بىر نەچچە قېتىملىق ئوغرىلىق دېلوسىدا گوڭ جىيې بىر قولىدا پوسۇلكىنى ئېلىپ، بىر قولىدا بوۋاقلار ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان. خەلق ساقچىلىرى مۇنداق دېدى: «بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىمدا ئۇ ئوغرىلىغان پوسۇلكىلارنى بوۋاقلار ھارۋىسى توسۇۋالغاچقا، كۆزىتىش كامېراسى كۆرەلمىگەن، ئەمما ئۈچىنچى قېتىم  ئوغرىلىق قىلغان چاغدا، ئۇ ئوغرىلىغان پوسۇلكا بەك چوڭ بولغاچقا، ئۇنى بالىلار ھارۋىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغان. بۇ قېتىم بىز ئۇنى ئاسانلا بايقىۋالدۇق.» ئىگىلىنىشچە، جىنايەت گۇماندارى  گوڭ جىيېنىڭ تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس بولۇپ، تۇرمۇشتا سەل قىينىلىدىكەن، بۇ ئەر ئايالنىڭ 19 ئايلىق قىزى بار ئىكەن. جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشكەندىن كېيىن ئېرى ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلمىشىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارى گوڭ جىيې 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە شۇاڭجىڭ يولىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايوننىڭ قوغداش ئۆيىدە سادىر قىلغان ئوغرىلىق قىلمىشىغا ئىقرار بولغان، ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئوغرىلانغان پوسۇلكا 17 پارچە، ئومۇمىي قىممىتى 3500 يۈەن. نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارى گو جىيې قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号