باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

896يوللانما
16مەستانە

بىر پۇتى قالسىمۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا زەھەر سودىسى قىلغان ئەڭ «يامان» زەھەر ئەتكەسچىسى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 19:40 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: زەھەر ئېلىپ-سېتىش، زەھەر چېكىش قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەيدىغان بىر دۇنياۋىي قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى، تۆۋەندە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ زەھەر ئەتكەسچىسى بەلكىم 2018-يىلىدىكى ئەڭ «يامان» زەھەر ئەتكەسچىسى دېگەن نامغا مۇناسىپ بولۇشى مۇمكىن. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن ئەنگلىيەلىك مىكايىل كۇرتىسنىڭ گەرچە پەقەت بىرلا پۇتى بولسىمۇ لېكىن، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كۈپكۈندۈزدە جاسۇس ساقچى بىلەن زەھەر سودىسى قىلىپ، ئاقىۋەتتە ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ جىنايىتى بېكىتىلگەن. 

مىكايىل كۇرتىس

ئەنگلىيە ساقچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مىكايىل كۇرتىس ئىلگىرى مانچىستېردا جاسۇس ساقچى بىلەن بىر بولاق كوكايىن سودىسى قىلغان، كېيىن يەنە شۇ جاسۇس ساقچى بىلەن ئىككىنچى بولاق كوكايىن سودىسى قىلغان. بىر سوتچىنىڭ ئېيتىشىچە، 46 ياشلىق مىكايىل كۇرتىس مانچىستېرنىڭ جەنۇبىدىكى بىر كوچىدا تۇرىدىغان بولۇپ، كۈپكۈندۈزدە ئەيمەنمەستىن چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كوكايىن سودىسى قىلغان. 

بۇلتۇر نويابىردىكى مالخام ھەركىتىدە كۇرتىس قولغا ئېلىندى.

مانچىستېر خان جەمەتى جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۇرتىس يەتتە يىل ئىلگىرى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكتىن پۇتى سېسىپ كېتىپ كېسىۋېتىلگەن، ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇ يەنە قايتا زەھەر سودىسىغا قاتناشقان. بۇلتۇر 5-ماي بىر قېتىملىق زەھەر سودىسى قىلىۋاتقاندا جاسۇس ساقچى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان كۇرتىسقا يېقىنلاشقان. ئۇ كۇرتىستىن قايەردىن دورا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغان، كۇرتسى جاسۇس ساقچىغا زەھەر ئالماقچى بولسا ئامال تېپىلغىچە ساقلاپ تۇرۇشنى ئۇقتۇرغان. شۇنداق قىلىپ كۇرتىس جاسۇس ساقچى بىلەن بىرىنچى بولاق كوكايىن سودىسى قىلغان، 21-ئىيۇن بۇ جاسۇس ساقچى يەنە بىر قېتىم كۇرتىسنى ئىزدەپ بېرىپ زەھەر ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، كۇرتىس زەھەر ساتقۇچىغا تېلېفون قىلىپ جاسۇس ساقچىغا يەنە بىر بولاق كوكايىن سېتىپ بەرگەن.

سوتچى مىكايىل لېمىڭ كۇرتىسنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر جىنايى رېكورت قالدۇرۇپ، ئىلگىرى 91 قېتىم جىنايىتى بېكىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. كۇرتىس بۇلتۇر نويابىردىكى مالخام ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنغان، ھەرىكەتنىڭ نىشانى بولسا مانچىستېرنىڭ جەنۇبىدىكى زەھەر بىلەن تەمىنلەيدىغان جىنايەت شايكىسى. سوت قىلىنىش جەريانىدا سوتچى كۇرتىسقا مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ پۇتۇڭ 2011-يىلى كېسىۋېتىلگەن، لېكىن بۇ سېنىڭ قايتا-قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشىڭنى توسۇيالمىدى.» گەرچە كۇرتىس زەھەر سودىسىدىكى پەقەت بىر ۋاستىچى بولسىمۇ لېكىن ساقچىلار ئىگىلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار ئۇنىڭغا جىنايەت بېكىتىشكە يېتەرلىك، جۈمە كۈنىدىكى سوتتا كۇرتىسقا مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • bahadir 84003 ئاي ئىلگىرى

    بىكاغا،، تۇكۇ، بۇلماپتۇدە،، بۇ،، ھايۋان،، ئەمدى، قانداق، جازالا، بۇ، ئەبلەخنى،، ھەممىلا،، يەردە،، مىيپلارغا، كۇيىنىش، ئاسراش، قۇغداش،، سىياسەتلىرى،، بار،، ھۆكۇمەت، جۇملىدىن، كەڭ، خەلىق،، ھىسداشلىق، قىلىمىز،، لىكىن،، خەلىقنىڭ، ھىسداشلىقىغا،، ئاش، بەرگەنگە، زەھەر، بىرىدىغان،، بۇ، نائەھلىنى،، نىملا،، قىلۋەتسە،، بۇلغۇدەك

  • ھايات سەپىرى،3 ئاي ئىلگىرى

    راس دەيسىز يەنە بىر پۇتنىمۇ كىسۋتدىغان ئىشكەن ئەسلى توكو ھالىغا باقماي ساق ئادەملەرنى زەھەرلەپ

  • دىلبەر3 ئاي ئىلگىرى

    بەزى يامان ئىللەت يۇقتىرۋالغان ئادەملەر ئۇلسىمۇ ئۇز گەرمەيدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号