باش بەت

ئادىلجان

8583يوللانما
123مەستانە

جوبسنىڭ كىچىك قىزىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 18:32 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئېۋ جوبس (eve JOBS) سىتېۋ جوبسنىڭ كىچىك قىزى. 19 ياشلىق ئېۋ ھازىر تەجرىبىلىك چەۋەنداز، 2017-يىلى 3-ئايدا توساق ئاتلاش مۇسابىقىسى داڭلىق شەخسلەر كۇلۇبى ئۇنىڭغا «شۇ ئايلىق ئەڭ ياخشى چەۋەنداز» دەپ نام بەرگەن. ئۇ دۇنيا مىقياسىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ يەنە ئامېرىكىدىكى رىقابەت كۈچى ئەڭ زور مەكتەپ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. «فوربس»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئائىلە بايلىقى تەخمىنەن 20 مىليارد 100 مىليون دوللار ئىكەن. تۆۋەندە ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا نەزەر سېلىپ باقايلى. 

ئېۋ 1998-يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بىر ئاكىسى ۋە بىر ھەدىسى بار. ئۇلارنىڭ ئىسمى رېد (Reed) بىلەن ئېرىن (Erin).

«سىتېۋ جوبس» ناملىق بىيوگرافىك قىسسىنىڭ ئاپتورى ۋالتېر ئىساكسون كىتابىدا ئېۋنى «ئىرادىسى كۈچلۈك، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان يۇمۇرىستىك قىز، ئۇ دادىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىدۇ» دەپ تەسۋىرلىگەن.

ئىساكسون يەنە «ئېۋ ھەتتا دادىسىنىڭ ياردەمچىسىگە تېلېفون ئۇرۇپ ئۆزىنى دادىسىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ» دەپ يازغان. 

ئېۋ بىر قالتىس چەۋەنداز. ئۇنىڭ ئانىسى 2016-يىلى فىلورىدا ئىشتاتىدىكى ۋېللىنگتوندىن 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى فېرمىنى سېتىۋالغان، ئۇ دائىم مۇشۇ يەردە مەشىق قىلىدۇ. 

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ فېرمىنىڭ ئاشلىق ئامبىرى 20 ئاتنى سىغدۇرالايدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە توساق ئاتلاش مەشىق مەيدانى بار ئىكەن. 

ئۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە كالفورنىيە ئىشتاتىدا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشى ھەمدە فىلورىدا ئىشتاتىدىكى مەشىق مەيدانىدا چەۋەندازلىقنى مەشىق قىلىشى، شۇنداقلا يەنە ئالىي مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشى زۆرۈر ئىدى. 

ئېۋ 2016-يىلى زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن دوستۇم، مەكتەپ ۋە چەۋەندازلىق مەشىق مەيدانى ئارىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئۆگەندىم، ئەمما كۆپ يىللاردىن بۇيان مەن ئەڭ ياخشى ئۇسۇل مۇھىم نەرسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.»

ئېۋ 2016-يىلى Chill RZ ئىسىملىك بىر تۇلپارنى سېتىۋالغان. بۇ ئاتنىڭ سابىق ئىگىسى مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەكلا خۇش بولدۇم، چۈنكى مەن Chill RZنىڭ تېخىمۇ ياخشى خوجايىنغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئېۋغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.»

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئېۋ ھازىر مېكسىكا توساق ئاتلاش مۇسابىقىسىنىڭ چەۋەندازى، مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يۇگنىئو گارزا پېرېز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋېتىپتۇ. 

ئۇ چەۋەندازلىق ماھارىتىدىن باشقا، يەنە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ دەل مۇشۇ يەردە تونۇشقان. 

كەلگۈسى تىلغا ئېلىنغان ۋاقىتتا ئىساكسوننىڭ ئېيتىشىچە، ئېۋنىڭ دادىسى بۇرۇن چاقچاق قىلىپ، قىزىنىڭ ئالما شىركىتىنى باشقۇرغان ياكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان بىر ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلغانىكەن. جوبس ئىساكسونغا مۇنداق دېگەن:«ئېۋ مەن بىلىدىغان قىزلار ئىچىدىدىكى ئەڭ قەيسەر قىز.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • andy00493 ئاي ئىلگىرى

    ھەجەپ چىرايلىق قىز كەن بۇ مەن قوغلىشىپ باقايمىكىن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号