باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

گېرمانىيەلىك بايۋەتچىلەر بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 18:40 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيادا ھەمىشە بىر قىسىم تەلەيلىكلەر مەۋجۇت، ئۇلار ئالتۇن قوشۇقنى چىشلەپلا تۇغۇلغان، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ يارىتىپ بەرگەن تۈگىمەس بايلىقىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىدۇ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى ئاشكارىلاپ، بەئەينى پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلايدىغانغا ئارانلا تۇرىدۇ. بەلكىم كۆپىنچىلىرى بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشتىن باشقا بىر ئىش قىلىشىنى بىلمىسە كېرەك.

چۈشتىن كېيىنكى دېڭىز ساھىلى داچىسىنىڭ بالكونى، قۇياش پارلاپ چىققان كۈن، تەملىك سۇشى، ئالىي دەرىجىلىك شامپان، يەنە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخىرامان تۇرمۇش بارمۇ دەيسىز؟

بىر بايۋەتچە، ئۆيىنىڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە قاشتاش ھاراق بوتۇلكىسىدىن LVنىڭ بەلگىسىنى چىقىردى. ئۇ «قۇرۇلۇشى»غا ئىككى سائەت ۋاقىت سەرپ قىلغان.

ھەشەمەتلىك سىپورت ئاپتوموبىللا ئەمەس يەنە تېخى ھەرخىل داڭلىق ماركىلىق ھاراقلارمۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.

ساياھەت كېمىسىدە شامپان ئىچكەچ گۈزەل دېڭىز مەنزىرىسدىن ھوزۇرلىنىش، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭ يەڭگۈچىسى مۇشۇ بولسا كېرەك.

ماشىنا ھەيدەپ قارلىق تاغ چوققىسىغا چىقىش، پەقەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىپورت ئاپتوموبىلىلا قىلالايدۇ.

ھەرخىل ھەشەمەتلىك ماشىنىلار بايۋەتچىلەرنىڭ بەلگىسىدۇر.

بايۋەتچە بولغانىكەن، بىر قانچە داڭلىق قول سائىتى بولمىسا بولمايدۇ، ھازىرقى ۋاقىت پەقەت ئۇلار ئۈچۈن يارالغاندەكلا.

ھەشەمەتلىك خۇسۇسىي ئايروپىلاننىڭ ئىچكى مەنزىرىسى، ئازادە ئورۇندۇق، داڭلىق رەسىم... قەيەرگە بارغۇسى كەلسە، شۇ يەرگە بېرىش...

فارارى ماشىنا، رولېكس قول سائىتى، لوئۇبۇتىن ئايىغى... ھەممىلا يېرىدىن بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

بىر باي خېنىم ئۆيىنىڭ ئايروپىلانىدا ئولتۇرماقتا.

كاۋاپدان ئالدىدا كاۋاپ پىشۇرغاچمۇ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىۋېلىش. بولىدىغان ئامال.

بۇ ساھىبجامال تىك ئۇچارنى ئۆزى ھەيدىمەكچى. ئۇ بۇ ئارقىلىق بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش بىلەن بىرگە يەنە قابىلىيىتىنىمۇ نامايەن قىلىۋالغانىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 零距离1 ئاي ئىلگىرى

    باي بولۇش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، ھەممە ئادەم باي بولۇشقا تىرىشىدۇ، ئەمما بايلىق ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ، بايلىقنى كۆز- كۆز قىلىش بايلارنى پاتىپاراق قىلىدۇ، كەمبەغەللەرنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ، ئەمما كەمبەغەللەرگە نىسبەتەن بەرىبىر، شۇڭا بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىشنىڭ ئۆزى ئەخمەقلەرنىڭ ئەخلاقسىزلىقى، كەمبەغەللەرگە قىلىنغان بىرخىل ھاقارەت، خۇددى" قېيىنتام ئۆيىگە 1000 ۋاتلىق چىراق ياقسا مىنىڭ ئۆيۈمگە شامچىلىك يورۇقى چۈشمەيدۇ" دىگەندەك

  • ئىخلاسمەن3 ئاي ئىلگىرى

    سىلەر مۇ تىپىپ كۆز كۆز قىلىڭلار تاپقانلار نىڭ غەيۋىتىنى قىلماي

  • توغراق،شاھى3 ئاي ئىلگىرى

    بايلىقنى كۆز كۆز قىلىشقا يىغمايدۇ.داۋراڭ سالماي.ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىشلارغا مەبلەغ قىلىپ سالغىنى تېخىمۇ ئەۋزەل.

  • باچۇ لۇق3 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ نۇربىيە دىگەن تەرجىمان قىز ،،يامان ياخشى تەرجىمە قىلدىكەن ،مەن بۇ قىز تەرجىمە قىلغان خەۋەرگە ئەمەس بەلكى تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىغا ئامراق خەۋەرگە جان كىرگۈزۋىتدىكەنسىز يارايسىز ،قەلىمىڭىزگە دەت كەلمىسۇن تىرشىڭ ،

  • يېس3 ئاي ئىلگىرى

    دۇنيا مۇشۇندالا بىلەن گۈزەل

  • سىنى سېغىنىپ3 ئاي ئىلگىرى

    بۇندا كۆز- كۆز قىغۇچە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىسا بولمامدۇ دەيمەن،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号